- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت AAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن يەنە ئۈچى كۆپەيدى
2016.07.27 15:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۈچ ساياھەت مەنزىرە رايونى دۆلەت AAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئىككى ساياھەت مەنزىرە رايونى دۆلەت AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان.
ئۇقۇشىمچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى ئايرىش ۋە باھالاش ئۆلچىمى»، «ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باشقۇرۇش چارىسى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئەڭ ياخشى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتلىرىنىڭ كۆرسىتىشى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتىنىڭ باھالاپ بېكىتىشى بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تۆمۈر چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونى، قاغىلىق ناھىيەسىكى زۇڭلاڭ شىپا بۇلاق مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئۈچ ساياھەت مەنزىرە رايونى دۆلەت AAAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پەن تەتقىقات بازىسى، شىنجاڭ قاڭقىللار قەدىمىي يولى مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئىككى ساياھەت مەنزىرە رايونى دۆلەت AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر