باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ باي ناھىيەسى لەڭگەر كەنتىدىكى خەنزۇ شۇجى

2016.07.15 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يازنىڭ ئالدىراش مەزگىلدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى باي ناھىيەسى توقسۇن يېزىسى ئانىقىز لەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق نۇرنىساخان ئاۋۇت ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىپ بولالماسلىقتىن ئەزەلدىن غەم يەپ باققان ئەمەس، بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن نۇرنىساخاننىڭ يولدىشى بالدۇرلا قازا قىلغان بولغاچقا ئۆيدىكى ئۈچ بالىنى قاتارغا قېتىش ۋە ياشىنىپ قالغان ئىككى كىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى مەيلى ئەتىيازلىق تېرىم ياكى كۈزلۈك يىغىم بولسۇن، ھارۋىكەش شۇجى كېلىپ ماڭا ياردەم قىلىدۇ، مەن مۇشۇنداق بىر خەنزۇ شۇجىنىڭ بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن.

  نۇرنىساخان دەۋاتقان ھارۋىكەش شۇجى ئانىقىز لەڭگەر كەنت ياچېيكا شۇجىسى جاڭ مەنفۇ. جاڭ مەنفۇ ھارۋىكەش دېگەن بۇ ئىسىمنىڭ قانداق ئاتىلىپ قالغانلىقى ھەققىدە مۇخبىرغا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەڭ دەسلەپ كەنت ئاھالىلىرى ئىسمىنى ئاتاپ مەنفۇ مەنفۇ دېدى كېيىن بارا بارا مافۇ يەنى ھارۋىكەش دەپ چاقىرىدىغان بولدى، مەن بۇ ئىسىمغا بەك ئامراق، چۈنكى مەن كۆپچىلىكنىڭ ھارۋىكىشى.

  گەنسۇلۇق بۇ كىشى 1981-يىلى ئاتا ئانىسى بىلەن بىللە ئانىقىز لەڭگەر كەنتىگە كېلىپ يىلتىز تارتقان، 2002-يىلى 3-ئايدا ئۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغان، شۇنىڭدىن كېيىنكى 2004- ۋە 2007-،2011-يىللىرى پۈتۈن كەنتنىڭ پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىدا دېگۈدەك تولۇق ئاۋاز بىلەن ئۇدا تۆت نۆۋەت ياچېيكا شۇجىلىقىغا سايلانغان.

  ئاھالىنىڭ %90دىن كۆپرەكى ئاز سانلىق مىللەت بولغان كەنتتە ياچېيكا شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەس،ئەمما ئۇدا تۆت نۆۋەت ياچېيكا شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى جاڭ مەنفۇ ئۆزىمۇ تاسادىپىي ئىش دەپ قارايدۇ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ كادىرى خېي خاۋرەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ تاسادىپىي ئىش ئەمەس، شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك ئىش، بۇنى ئۇنىڭ بۇ يىللاردا كەنت ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئىشلىرىدىنلا چۈشىنىۋالالايمىز.

  ئانىقىز لەڭگەر كەنتىدە 197 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بار، بەش ئائىلىلىك خەنزۇ ئاھالىسىدىن باشقا قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئىلگىرى بۇ كەنت شۇ جايدىكى ئاتىقى چىققان نامرات كەنت ئىدى.

  ھارۋىكەش شۇجى 2002-يىلى ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بۇيان پۈتۈن كەنتتىكى 1200دىن كۆپرەك كىشى پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولدى، كەنتتە 20 كىلومېتىر يول ياسىلىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قولاي بولدى، باقمىچىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، پۈتۈن كەنتتە چارۋىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى 2014-يىلى 6مىڭ تۇياقتىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلدى، بۇ سان 2005-يىلى 300 ئىدى، باغۋەنچىلىك ۋە كۆممىقوناق قاتارلىق ئىقتىسادى زىرائەتلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2005-يىلدىكى 1200يۈەندىن كۆپرەكتىن كۆپىيىپ،ھازىر 8994يۈەنگە يېتىپ، 7 ھەسسە ئاشتى.

  جاڭ مەنفۇنىڭ ياردەمچىسى، ئانىقىز لەڭگەر كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى تۇردى ئىسمايىل باشقا كەنت ئاھالىلىرىگە ئوخشاش، بۇ ھارۋىكەش شۇجىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە پۈكۈپ قويدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:باشقا كەنت ياچېيكا شۇجىلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇ نامى چىققان ئەڭ ھەقدار كىشى، گېپىدە تۇرىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە كەنتنىڭ چوڭ كىچىك ئىشلىرىدا ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئاڭلايمىز، ھەتتا كەنتتىكىلەر ئائىلىدە ھەل قىلالمىغان ئىشلىرى بولسىمۇ ئۇنىڭ پىكىرىنى ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر