- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۇنجى نۆۋەتلىك يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 7-ئاۋغۇست شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2016.07.14 15:51 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ 14-ئىيۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماشىنىسازلىق-ئېلېكترون سانائىتى ساھەسىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى 7-ئاۋغۇست شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى(ئاممىۋى قاتناش) كۆرگەزمە رايونى، ئەشيا ئوبوروتى ئاپتوموبىللىرى كۆرگەزمە رايونى، توكلۇق ئاپتوموبىللار (ياشانغانلار ئاپتوموبىلى، راھەت تىپتىكى ئاپتوموبىل، تۆۋەن سۈرئەتلىك تۆت چاقلىق ئاپتوموبىل، چارلاش ئاپتوموبىلى) كۆرگەزمە رايونى، ئۈچ چاقلىق، ئىككى چاقلىق ئاپتوموبىللار كۆرگەزمە رايونى ۋە توك قاچىلاش پونكىتى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىدىكەن، 130دىن ئاردىن كارخانا قاتنىشىدىكەن، دۆلىتىمز ۋە چەت ئەللەردىن قاتنىشىدىغان مۆلچەردىكى تاماشىبىن سانى 10 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئاشىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر