باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىشچىلارنىڭ بېيىشىغا مەدەت بەردى

2016.07.01 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز روزىھاجى نەزەر، مەلىكە روزى خەۋەر قىلىدۇ) بىڭتۈەن ج خ ئىدارىسىدىن بىڭتۈەن 3- شى پەيزاۋات باش مەيدانىنىڭ 2-ليەنىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىشچىلار ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشچىلار بەرگەن ياخشى تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئاڭلاپ، 3-ئايدا 100 مىڭ يۈەنگە ئىككى قۇدۇق كولىتىپ، 2000 مو تېرىلغۇ يەرنىڭ سۇ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. 5-ئايدا ئىشچىلارنىڭ ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەپ، 12 ئائىلىلىك نامرات ئىشچىغا 5000 يۈەن ياردەم بەردى. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئىككى دىنىي زاتنى 600 يۈەن بىلەن ھال سورىدى.

  خەلق مەنپەئەتىنى ھەر ۋاقىت 1-ئورۇنغا قويۇپ مەنپەئەت يەتكۈزۈش، نەتىجە يارىتىشنى خىزمەت مىزانى قىلغان خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تۆت ئائىلىلىك نامرات ئىشچىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، 120 مو تېرىلغۇ يېرىگە يۇقىرى ھوسۇللۇق قوغۇن تېرىپ، تېخنىكىلىق پەرۋىشىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاچقا، قوغۇنلار ياخشى ئوخشىدى. نۆۋەتتە بۇ گۇرۇپپا قوغۇنلارنى سېتىپ چىقىرىشقا مەسئۇل بولۇپ، خېرىدار چاقىرىش يولىنى تاپقاچقا، ئىشچىلارنىڭ قوغۇندىن قىلىدىغان كىرىمىنىڭ 700 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۇقىملاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر