باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 7 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2016.07.01 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 2016- يىللىق «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2016 - يىللىق « تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 7-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ خىل مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق تەنتەربىيە ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ش ئۇ ئا ر تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى بىلەن خىڭشىڭ (بېيجىڭ) تەنتەربىيە مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ھەمكارلاشقان. بۇ مۇسابىقە ئارقىلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە خەلقئارا پۇتبول مۇسابىقە سۇپىسى ھازىرلىنىش ئارقىلىق، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ماھارەت سەۋىيەسى ئورتاق ئۆستۈرۈلىدۇ. مۇسابىقە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، تىرىشىپ خەلقئارالاشقان داڭلىق ماركا بەرپا قىلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ شىنلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە يەككە ئايلانما تۈزۈمى قوللىنىلىدىغان بولۇپ گېرمانىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن بەش كوماندا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر