خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش «شانلىق بايراق » ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى 29 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ مۇقام سەنئەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 ـ سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋەكىللىرى ۋە ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
كۆرەك «كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» ناملىق ياڭراق ناخشا بىلەن ئاياغلاشتى. جاڭ چۈنشيەن، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابلىمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، پېڭ يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، پېڭ جيارۈي، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار ۋە ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما بىلەن بىرلىكتە بۇ ناخشىنى ئېيتتى، پۈتۈن مەيداندىكى كەيپىيات يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.
بۇ قېتىمقى ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىنى ش ئۇ ئا ر پارتكوم ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. 4 - ئايدا كۆرەككە تەييارلىق قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق 58 ئورۇن، 3700 دىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىدىن تەشكىللىگەن 86 نومۇر دەسلەپكى مۇسابىقە ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان. شۇ كۈنى كۆرەكتە ئورۇندالغان نومۇرلارنىڭ بىر قىسمى مۇنەۋۋەر ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى