باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى تېز سۈرئەتلىك پويىز يېڭى ۋوگزالى (يېڭى يولۇچى ترانسپورت ۋوگزالى) سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش باسقۇچىغا كىرىدۇ

2016.07.01 13:58         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى تېز سۈرئەتلىك پويىز يېڭى ۋوگزالى (يېڭى يولۇچى ترانسپورت ۋوگزالى) نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنۋېرىسال قاتناش تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئۆز قەرەلىدە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. نۆۋەتتە، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە.

  ئۈرۈمچى تېز پويىز تۈگۈنىگە مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى يېڭى يولۇچى ترانسپورت ۋوگزالى ئەتراپىدىكى يول ياساش، كۆۋرۈك سېلىش، مەيدان ياساش قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولدى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى جاڭ ۋېيمىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىمالىي مەيداننىڭ يەر يۈزى قۇرۇلۇشىنىڭ %90 تىدىن كۆپرەكى ئورۇنداپ بولىندى. لىنىيە ئېچىلغاندىن كېيىن، شىمالىي مەيداننىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشلىتىشكە تاپشۇرىلىدۇ. يەر يۈزىدە 200 دىن كۆپرەك ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، يەر ئاستىدا 300 دىن كۆپرەك ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بار. يەر يۈزىدە يەنە ئىككى ئاممىۋىي ھاجەتخانا بار. ئەخلەت ساندۇقى، تازىلىق ئەسلىھەلىرى مۇشۇ ئىككى كۈندە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، رادىئو سىستېمىلىرىمۇ تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بولىندى.

  ئۈرۈمچى يېڭى ۋوگزالىنىڭ (يېڭى يولۇچى ترانسپورت ۋوگزالى) خىزمەتچى خادىمى لى خۈەنخۈەن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىككى بىلەت سېتىش زالىنىڭ بىرى شىمالىي مەيدان ۋوگزالىنىڭ شەرقىي يان تەرىپىدە، يەنە بىرى جەنۇبىي مەيدان ۋوگزالىدا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىكەتتىن چىقىش قەۋىتى بىلەن كۆتۈرمە قەۋەتنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن ئاپتوماتىك بىلەت سېتىۋېلىش رايونى بار. بىلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن، يولۇچىلار بىۋاستە پويىز ساقلاش قەۋىتىگە چىقسا بولىدۇ، بىلەت تەكشۈرۈش ئېغىزى ئاساسلىقى كۆتۈرمە قەۋەتنىڭ شەرقىي، غەربىي ئىككى يان تەرىپىدە.

  7-ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچى يېڭى ۋوگزالى (يېڭى يولۇچى ترانسپورت ۋوگزالى) سىناق تەرەققىسىدە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قۇمۇلغا بارىدىغان 6 جۈپ تېز پويىز بۇ يەردىن يولغا چىقىپ مەنزىلگە بارىدۇ. ئۈرۈمچى يېڭى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىنىڭ ھەر ئىككىلىسى يولۇچى توشۇش كەسپىنى بىجىرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر