باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«تارىم دەرياسى» ناملىق 16 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم 7- ئاينىڭ 1ـ كۈنىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىدۇ

2016.07.01 13:57         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ ئالتە يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن «تارىم دەرياسى» ناملىق 16 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم 7- ئاينىڭ 1ـ كۈنىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىدۇ.ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ئاخبارات- نەشرىيات، رادىيوـ كىنو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە پىلانلاپ ئىشلىگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىم 7- ئاينىڭ 1ـ كۈنىدىن 19ـ كۈنىگىچە ھەر كۈنى كەچتە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە قاناللىرىدا بىرلا ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدىكەن. بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە ئۈچ يىل ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، فىلىمدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى 30 نەچچە يىللىق ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئالتە يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر