باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئاپتوموبىللارنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىمپورت قىلىشتىكى تۇنجى مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى باشلاندى

2016.07.01 13:57         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئاپتوموبىللارنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىمپورت قىلىشتىكى تۇنجى مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى 29-ئىيۇن ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدا باشلاندى. مەركەز پۈتكەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتوموبىلنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىمپورت قىلىش رەسمىيىتىنى بىجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ.

  بۇلتۇر 8- ئايدا، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى دۆلەتنىڭ ئاپتوموبىلنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىمپورت قىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىمپورت قىلىنىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتوموبىللار ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا يۆتكەپ كىلىنىپ، ھازىرغا قەدەر 52 ئاپتوموبىل پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىمپورت قىلىندى. تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىش رەسمىيىتى ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، چېگرا ئېغىزى 20 مىڭ كۋادرات مېتىر كۆلەمدە ئاپتوموبىل كۆرگەزمە زالى ۋە باشقا يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر بولغان مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇشنى قارار قىلدى. ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ يۈنچاۋ مۇنداق دېدى: چېگرا ئېغىزىدىكى ئاپتوموبىللارنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىمپورت قىلىش كارخانىلىرىنىڭ ئىمپورت ئىجازەتنامىسى قاتارلىقلارنى بىجىرىشىگە بۇنىڭدىن ئىلگىرى 20، 30 كۈن كېتەتتى. رەسمىيەتلەرنى تيەنجىندىكى بەزى ھەمكارلىق شىركەتلىرىگە تايىنىپ بىجىرەتتۇق. بۇنىڭغا ئۇلار 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ھەق ئالاتتى، بۇ كارخانىلار ئۈچۈن يۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانىمىز- بۇ رەسمىيەتلەرنى ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىدا، ھەتتا شىنجاڭدىن چىقماي تۇرۇپ بىجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

  نۆۋەتتە، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىش كارخانىسىدىن 5 ى ماكانلاشتى. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى شىڭخې سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئالاتاۋ شۆبە شىركىتى جەمئىي 45 ئاپتوموبىلنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئىمپورت قىلدى، بۇ ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل سانىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. بۇ بىر تۈركۈم ئاپتوموبىللار شۇ جاينىڭ ئۆزىدە سېتىلسا، باھاسى دۆلەت ئىچىدىكى S4 دۇكانلىرىدىن 20 پىرسەنت ئەرزان بولىدىكەن. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى چېن سۇڭشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلىشتىكى رەسمىيەتلەرنى شىنجاڭدا بىجىرىش بىز كارخانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋاقىت تېجەپ قالغان بولىدۇ، يەنى 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بولغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەبلەغ ئوبوروتى تېزلىشىپ، ئىمپورت مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر