- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
12- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر-- ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار يەرمەنكىسى ئاياغلاشتى
2016.07.01 13:56 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
12- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر-- ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار يەرمەنكىسى 29-ئىيۇن ئاياغلاشتى. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە ئىمزالانغان ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىق تۈرى 183 كە، توختام ئومۇمىي سوممىسى 16 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە كەسىپكە مەبلەغ سېلىش تۈرى 175، ئىمپورت- ئېكىسپورت سودا توختىمى يەتتە، دۆلەت ئىچى سودا توختىمى بىر بولدى.29-ئىيۇن قەشقەر سودا يەرمەنكىسى تۈرگە توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، نەق مەيداندا 66 تۈرگە توختام ئىمزالاندى، توختام ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 425 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە كەسىپكە مەبلەغ سېلىش تۈرى 63 بولۇپ، بۇ تۈرلەر توقۇمىچىلىق، كېيىم- كېچەك، سودا، ماددىي ئەشيا ئوبۇرۇتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، مەدەنىيەت، ساياھەت، يېنىك سانائەت، ماشىنا قۇراشتۇرۇش، قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ؛ ئىمپورت- ئېكىسپورت سودا تۈرى ئۈچ بولدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر