خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ( قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى) بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، قەشقەر شەھىرىدىكى 115 ساياھەتچىلىك شىركەتلىرى 881 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، ساياھەتچىلىك كىرىمى 504 مىليون 750 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %61.7 ۋە %40.3 ئاشتى.
سۈرەتتە: دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر قەشقەرنى ساياھەت قىلماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى