باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» بويىچە بەش يىللىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى قەشقەر يەرمەنكىسىدە جۇلالاندى

2016.06.30 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» بويىچە بەش يىللىق نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە 4 - نۆۋەتلىك ئايال «چىۋەر قوللار» قول ھۈنەر بۇيۇملىرى مۇسابىقىسى 12 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا ئاسىيا- جەنۇبىي ئاسىيا تاۋار يەرمەنكىسى»نىڭ ئالاھىدە يورۇق نۇقتىسى بولدى.

  «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» ـــ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2011-يىلىدىن بۇيان يولغا قويغان 25 تۈركۈمدىكى 90 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭغا بەش يىلدىن بۇيان مالىيەدىن 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» مەخسۇس راسخوتىنى ياخشى باشقۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللىيچە كىيىم-كېچەكلىرى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تەشۋىقات-تەربىيە ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ئارقىلىق ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاياللارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى؛ كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇپ، كىيىم-كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرى، زىبۇ-زىننەت قاتارلىق ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ماس كېلىدىغان ئالاھىدە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، جىسمىمۇ، قەلبىمۇ گۈزەل ئاياللاردىن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە شىنجاڭ ئاياللار بىرلەشمىسى ئاساسلىقى شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى، كىيىم-كېچەك مودېل كۆرگەزمىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە 4-نۆۋەتلىك ئايال «چېۋەر قوللار» قول ھۈنەر بۇيۇملىرى مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.

  شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ مەزمۇنى مول، سۈرەت بىلەن يېزىق كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» نەتىجىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەت يېتەكچى قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ كۆز قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، «مەن قىلالايمەن» دەيدىغان ئاڭنىڭ تىكلەنگەنلىكى، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىۋاتقانلىقى نامايان قىلىندى.

  ئاپتونوم رايون بويىچە 4-نۆۋەتلىك ئايال «چېۋەر قوللار» قول ھۈنەر بۇيۇملىرى مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقە ئارقىلىق تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش، كەشتىچىلىك، توقۇمىچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەردە ئىجادىي، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار بويىچە تەربىيەلەندى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغاندىن بۇيان ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى ھەر مىللەت ئاياللىرىنى ئاكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللىدى. باھالاش ئارقىلىق 400 نەچچە دانە بۇيۇم مۇسابىقىگە تاللىنىپ، قەشقەر سودا يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى ئايال «چېۋەر قوللار» قول ھۈنەر بويۇملىرى مۇسابىقىسىدە باھالاش كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، باھالاش ئارقىلىق 15 دانە بۇيۇم ئەڭ ياخشى ھۈنەر-سەنئەت مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى ئىجادچانلىق مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى بازار يوشۇرۇن كۈچى مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى كۆرۈش سېزىمى مۇكاپاتى ۋە ئەڭ ياخشى ساياھەت بۇيۇمى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ ئالتە ئورۇن مۇنەۋۋەر ئورۇنلاشتۇرۇش مۇكاپاتى ۋە مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماھىرە ھاشىم مۇنداق دېدى: بىز ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئاياللىرىمىزنىڭ قول ھۈنەر مۇسابىقىسىدىكى بۇيۇملارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىن تاللاپ 3000 غا يىقىن مەھسۇلاتنى قەشقەر يەرمەنكىسىگە قاتناشتۇردۇق. بىز ئاياللارغا ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ، ھۈنىرىگە تايىنىپ يول تېپىش، مەھسۇلاتلىرىغا زاكاز تېپىش ئارقىلىق سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ باي بولۇشقا يېتەكلەپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردۇق.

  شىنجاڭ شانئال ئىگىلىك تىكلەش كەسپى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئايتۇرسۇن رۇسۇل بەش يىللىق نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: يەرمەنكە مەركىزىگە كىرىپلا كۆزگە ئالاھىدە چىلىقىدىغان ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يەرمەنكە ئورنىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى. بۇ ئورۇندىكى مەھسۇلاتلاردا زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىۋىلىك بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئەتلەستىن تىكىلگەن كۈنلۈكلەر، ئادەم سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن گىلەم قاتارلىق يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى مەھسۇلاتلارنى كۆرۈپ، قولى گۈل شىنجاڭ ئاياللىرىدىن پەخىرلەندىم. ئىچكى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچى ۋە سودىگەرلەرنىڭ بۇ مەھسۇلاتلارغا ئالاھىدە قىزىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، «بوسۇغا ئاتلاپ» چىقمىقى قىيىن بولغان شىنجاڭ ئاياللىرىغا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئىنتايىن سۆيۈندۈم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر