باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىنتېرنېت قوشۇلغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇمۇل قوغۇنىنىڭ سودىسىغا تۈرتكە بولدى

2016.06.20 13:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل شەھىرى بوغاز يېزىسى توبۇتا كەنتىدىكى قوغۇن تېرىش بازىسىدا، بىر نەچچە پارچە ئالاھىدە قوغۇنلۇق بار. ئېتىزلىقنى زىچ قاپلىغان نەچچە يۈز بەلگە تاختىسىنىڭ ھەر بىرىگە ئوخشىمىغان نومۇرلار يېزىلغان، ئېتىز قىرىدىكى ھەر بىر ئارىلىققا بىردىن تور سىنكۆزى قويۇلغان، بۇلار ئەمەلىيەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلار شەخسىي زاكاز قىلغان قوغۇنلار ئىدى. قۇمۇل گورەن لياڭپىن ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى جۇ لىجۈەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئېتىزلىقتىكى بەلگە تاختىلىرى ئەمەلىيەتتە قوغۇنلارنىڭ كىملىكى، خېرىدارلار قوغۇن سېتىۋالغاندىن كېيىن، يانفون ئارقىلىق ئالاقىدار ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈۋېلىپ، قوغۇننىڭ كىملىك نومۇرىنى كىرگۈزسىلا، تور ۋىدىيوسى بىلەن ئۆزلىرى زاكاز قىلغان قوغۇننىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئەمەلىي كۆرەلەيدۇ. گەرچە بۇنىڭ تېرىش تەننەرخى سەل يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئىنتېرنېت قوشۇلغان زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قارىشىغا تايىنىپ، شەخسىي زاكاز ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھەر مو يەردىكى قوغۇندىن قىلىدىغان كىرىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  قۇمۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىگاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: قۇمۇل شەھىرىدىكى قوغۇن تېرىش بازىلىرىنىڭ كۆلىمى 70 مىڭ مودىن ئاشىدۇ، بۇ يىل 11 مىڭ مولۇق قوغۇنلۇق تۈجۈپىلەپ پەرۋىش قىلىندى، بۇنىڭدىن چىققان قوغۇنلار ئاساسەن توردا سېتىلىدۇ، شەخسلەر زاكاز قىلغان قوغۇندىن سىرت، يەنە شەخسلەر زاكاز قىلغان مولۇق قوغۇنلۇقلارمۇ بار. ماركىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن، قۇمۇل شەھىرى قوغۇن تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنى مەخسۇس قۇرۇدى. كېيىنكى قەدەمدە، قوغۇنلارنى ئوخشىمىغان ئىستېمالچىلارغا قارىتا ئىنچىكە تۈرگە ئايرىپ، قوغۇن مەھسۇلاتلىرى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر