باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش سۆھبەت يىغىنى ئاتۇشتا ئېچىلدى

مەۋقەنى چېگرانى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قويۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق چېگرانى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2016.06.16 15:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش سۆھبەت يىغىنى 14 - ئىيۇن ئاتۇش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى، يۆلەش - ئېچىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چېگرا رايوندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە دۇچ كەلگەن ئوبيېكتىپ قىيىنچىلىقى ۋە ئۇنى چەكلەپ تۇرغان ئامىللار تەھلىل قىلىندى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش خىزمىتى سىستېمىلىق پىلانلاندى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرى ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش خىزمىتىگە ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىشى كېرەك. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى كادىرلار ۋە ئامما مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، روھىنى ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، چېگرانى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ قېتىمقى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش سۆھبەت يىغىنى بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېچىلغان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتىنى تېزلىتىش سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاچقان يەنە بىر قېتىملىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يىغىن، بۇ ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى يىلى» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. يىغىندىن بۇرۇن، جاڭ چۈنشيەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە مەخسۇس بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ 27 مۇناسىۋەتلىك تارمىقى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ شىركىتى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملىشىگە ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتتى.

  يىغىندا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ خۈيجۈن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللاردىن دوكلات بېرىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئىشەنچى ۋە غەيرىتىنى بىلدۈردى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ چىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۈنلىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى نىڭپىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يۆلەش - ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ما چېڭ قاتارلىقلار قوشماق بولۇپ ياردەم بېرىلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاستلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملىشىنى قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئاقچى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىنخۈي، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ تويۇن يېزىسى تويۇن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى توختى تۇرسۇن نامرات ناھىيە، نامرات كەنتلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى توغرا تونۇش كېرەك. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئېگىز ھەم قاتتىق سوغۇق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، تەبىئىي شارائىتى ناچار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى ناھايىتى جاپالىق، بولۇپمۇ 1100 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيەسى غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى ھەم چېگرانى قوغداش، مۇستەھكەملەشتە ئېغىر ۋەزىپىگە دۇچ كېلىدۇ. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈش بىلەن بىللە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ئۈچ ناھىيە، بىر شەھەرنىڭ چېگرا ناھىيەسى، يۆلەش - ئېچىشتىكى نۇقتىلىق ناھىيە ئىكەنلىكىنى، نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاپتونوم رايون بويىچە 2 - ئورۇندا، نامرات ئاھالىنىڭ سانى ئاپتونوم رايون بويىچە 3 - ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ۋەزىپىسىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنىمۇ كۆرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش بىرگەۋدىلەشكەن» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك»تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت ئومۇمىي نىشاننى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، تەڭ بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، ئېچىۋېتىشنى يېتەكچى، تەرەققىياتنى ئاساس، خەلقنى بېيىتىشنى يادرو، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلىشتا، ئىقتىسادتىكى روبىرو ئىلگىرىلەش، ئۈستۈنلۈكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسنى ياخشى سېلىش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۆپ تەرەپ تەك كۈچ چىقىرىش، گەۋدىلىك يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، 1 - سەپتىكى چېگرا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن ئىمكانقەدەر تېز قۇتۇلدۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، 2020 - يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرا رايوننى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشنىڭ يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش خىزمىتى توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

  بىرىنچى، مەۋقەنى چېگرانى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قويۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق چېگرانى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. «ئۈچ سەپ ھەمتۈرتكە بولۇش»تىن ئىبارەت چېگرا رايوننى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، 1 - سەپنىڭ ئەڭ چېتىدىكى چېگرا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «1 - سەپتىكىلەر چېگرانى قوغداش، 2 - سەپتىكىلەر چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، 3 - سەپتىكىلەر مۇلازىمەت قىلىش» تەجرىبىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، «بەش ئىشنى تەڭ تۇتۇپ» چېگرا قوغدىغۇچىلار ۋە چېگرا ئاھالىسىنىڭ تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار چېگرا قوغدىغۇچىلار ئائىلىسى ۋە 1 - سەپتىكى چېگرا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، چېگرانىڭ ئەڭ چېتىدىكى كەنتلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان كەسىپلەرنى چىڭ تۇتۇش؛ ھەر قايسىسى ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن» چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىش تەدبىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى ۋەزىپە، تەلەپلەرگە ماسلىشىش ئۈچۈن، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلقتىن ئىبارەت «ئالتە بىر گەۋدىلەشكەن» چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش - كونترول قىلىش مېخانىزمىنى داۋاملىق يەكۈنلەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ چېگرا مۇداپىئە - كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، چېگرا مۇداپىئە - كونترول ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ قىسىمنىڭ چېگرانى قوغدىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك.

  ئىككىنچى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھازىر دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. بۇ خىزمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھىيەدە، مۇھىم نۇقتىسى يېزىلاردا، ئاچقۇچى كەنتلەردە، كەنت دەرىجىلىك ئورۇنلار دەسلەپكى تەكشۈرۈش، يېزا - بازار قايتا تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تارماقلار بىرلەشمە تەكشۈرۈش، ناھىيەدىكى 1 - دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىشتىن ئىبارەت «تۆت دەرىجە بويىچە بىرلەشمە تەكشۈرۈش» تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەل جايىدا بولۇشنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. نامرات ئائىلىلەرنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئوبيېكتى قىلىش كېرەك. نامراتلىق تىزىملىكىدىن دەل جايىدا چېكىندۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چېكىندۈرۈشنىڭ سۈپىتى ۋە دەل جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى گەۋدىلىك ۋەزىپە قىلىش كېرەك. ئىمپورت - ئېكسپورت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش ۋە سودا ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سانائەت رايونى، ئىمپورت - ئېكسپورت بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش، دېھقانچلىق - چارۋىچىلىق ھەمكارلىقى، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق تۆت خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش؛ ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىق ئېچىشتا يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بايلىق چارلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، قېزىلما بايلىقلارنى قېزىش، ئىلغاش، تاۋلاش بازىسى قۇرۇش؛ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاتۇش كىچىك، مىكرو كارخانىلار رايونىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە كەسىپلەرنى نۇقتىلىق قوللاپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازىرىنى كۆزلەپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتنىڭ «شىنجاڭ سوۋغات»لىرى دائىرىسىگە كىرىشىنى قوللاش؛ خاس سەرخىل دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىقنى ۋە خاس ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، يەم - خەشەك بازىسى قۇرۇپ، نەسىل يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم سويۇن قوي، ئىنەكلەرنى ئۆلچەملىك، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانلىرىدا بېقىشنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىكىگە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ ۋە كەڭ دائىرىدە يۈرۈش قىلىپ، دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ، ئىستراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە ئالاھىدە ساياھەتچىلىكنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى كەسىپلەر تەرەققىياتى بويىچە كىرىمنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا، ئىگىلىك تىكلەشكە ياردەم بېرىشتە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقانلار ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇش كېرەك. «خەلق تۇرمۇشى ئەلا، ئامما بىرىنچى، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم» دەيدىغان قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەش جەريانىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى بارلىق ئاماللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلمىسىنى تېز تەڭشەپ، سىياسەتلىك ياردەم پۇلى، ئېكولوگىيەلىك تولۇقلىمىسى، تۈر مەبلىغىنى پايغا سۇندۇرۇش، بايلىق ئېچىشتا ئىگىلەنگەن يەرنى پاي قىلىش، سۇ ئېلېكتىر پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق دېھقانلار - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش؛ مائارىپ سۈپىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، نامرات ئائىلىدىكىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادلار ئارا داۋاملىشىشىنى قەتئىي توسۇپ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قىس بولۇش مەسىلىسىنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەل قىلىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى ۋە يەسلى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئاساسىي مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قوللاش؛ ساقلىق ساقلاش جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش - ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلارنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەللىك سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلىش؛ ئاساسىي تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى بىلەن يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، يېزا يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى تولۇق ئۇدۇللاشتۇرۇش؛ زامانىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى تېز ئورنىتىپ، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەنىۋى قىزىقىشى، تۇرمۇش شەكلى جەھەتتە زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈزلىنىشكە يېتەكلەش؛ يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، نامراتلارنى يۆلەشنى پۈتۈن كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى «ئىككى خىل ئائىلە»، ئاھالىنى يۆتكەش - كۆچۈرۈش، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، «قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش»، پاكىز يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئالدى بىلەن نامرات يېزا - كەنتلەرگە ئۇزارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سۇچىلىق قۇرۇلۇشى جەھەتتە، قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش؛ قاتناش قۇرۇلۇشى جەھەتتە، «13 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، «سىرت بىلەن تۇتاشقان، ئىچكى جەھەتتە بىرلەشكەن، يېزا - كەنت يوللىرى راۋانلاشقان، نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلار كەنتلەرگىچە بارىدىغان، بىخەتەر، تېز، قولاي بولغان» قاتناش تىرانسپورت تورىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش؛ ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، تۆۋەن توك باھاسى سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا تورىنى ئۆزگەرتىش ۋە شەھەر تورىنى تولۇقلاپ كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئارقىلىق تورغا چىقىش ۋە توك باھا تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەت، يىراق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا فوتوۋولت قۇرۇلۇشى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇھىت ئاسراش جەھەتتە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كۆرۈلگەندە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئورۇن بەرگۈزۈش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش جەھەتتە، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېز يولغا قويۇپ، ئورمان باغچىسى، سۇلۇق يەر باغچىسى ۋە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش ۋە چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شورلۇق يەرنى تۈزەشنى يولغا قويۇشى كېرەك.

  ئالتىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى مۇستەھكەملەشنى قوللاش كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىپ، تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوشماق بولۇپ ياردەم بېرىش، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى جەھەتلەردە ئۈلگە ۋە نەمۇنىچى بولۇپ، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش؛ مالىيە، پۇل مۇئامىلە، جەمئىيەت قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ئىختىساسلىقلار كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنىنى تولۇقلاپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇش؛ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى زامانىۋى ئىدىيە بويىچە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى تۇرمۇش، يېڭى يېزا قۇرۇشقا باشلاپ، «ئەلرايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش» رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى ئىنچىكە، پۇختا تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرمىغۇچە ئالاقىنى ئۈزمەسلىك كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا تەييارلانغان، ئۇنىڭدا مەركەزنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تەرەققىياتتىكى تەخىرسىز ئارزۇسىغا ماس كېلىدۇ، ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بىر قاتار تەدبىرلەر ناھايىتى ئەمەلىي بولۇپ، بۇ ھەم قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى دۇچ كەلگەن مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتى، ھەم شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىلمىي يېتەكچى. شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىدە چىڭ تۇرۇش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەلىپىنى ھەقىقىي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تەرەپلەر يولغا قويۇش لايىھەسىنى تېز تۈزۈپ، مەشغۇلات تەپسىلىي قائىدىسىنى تېز بارلىققا كەلتۈرۈپ، ۋەدىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن قوشماق بولۇپ ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھەسىنى بىرمۇ بىر تۈزۈپ، تاماملاش مۇددىتى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تولۇق، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قوشماق بولۇپ ياردەم بېرىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست بولۇش سۈپىتى بىلەن، قوشماق بولۇپ ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قوشماق بولۇپ ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىشى كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى كارخانىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، بازار ئېچىش، تېخنىكا تەييارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر تەرەپلەرنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك. بىڭتۈەن، قوراللىق ساقچى قىسىم، ئارمىيەمۇ بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ ئۈلگە كۆرسىتىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىن قاتناشچىلىرى 14 - ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئاتۇش شەھىرىنىڭ تۈگۈرمىتى يېزىسى مەيدان كەنتى، جەرەنبۇلاق كەنتى، كىچىك، مىكرو كەسىپلەر رايونىغا بېرىپ، چېگرا رايوندىكى نامراتلارنى يۆلەش سىناق نۇقتىسىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشى، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى، يېزا - بازارلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، پېڭ جيارۈي، نىجات سۇلتان، چيەن جى، ۋەن خەيچۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى؛ مەركەزنىڭ نامراتلارنى نۇقتىلىق يۆلەش ئورۇنلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاپپاراتلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى؛ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى؛ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بىر قانچە چوڭ بەنزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ناھىيە، شەھەر ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى؛ قىسمەن كارخانا ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش سۆھبەت يىغىنى 14 - ئىيۇن ئاتۇش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر