باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

«پارتىيە نىزامنامىسى - قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

2016.06.14 14:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 13 - ئىيۇن پۈتۈن بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت - دىن خىزمىتى جەھەتتىكى فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى؛ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەم «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئۆگىنىپ، ئورگاننىڭ «پارتىيە نىزامنامىسى - قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيە نىزامنامىسى - قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، مەسىلىنى كۆزلەپ ئۆگىنىش، ئىش قىلغاندا مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىش، توغرا قاراشنى تۇرغۇزۇش، ھەق - ناھەقنىڭ چېكىنى ئېنىق كۆرسىتىش، ئىش - ھەرىكەت ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك. مۇشۇ ئاساستا، پارتىيە نىزامنامىسى، مەركەز بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي تەلىپىنى ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىرنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادىغا ھەم سىياسىي، ھەرىكەت جەھەتتىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش»قا يىغىنچاقلىدى، چوقۇم چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۆۋەندىكى بەش نۇقتىنى ئىگىلەش ئىنتايىن مۇھىم: يادروسى، يۆنىلىشى ۋە چېكىنى چىڭ ئىگىلەش كېرەك، يەنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى يادرو، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى يۆنىلىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش −− دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتى ۋە ئاخىرقى ئىش - ھەرىكەت تۆۋەن چېكى؛ ماھىيەتلىك تەلەپ، ئاساسىي سىياسەت، كۈرەش نىشانىنى ئىگىلەش كېرەك، يەنى ھەر مىللەت خەلقى بابباراۋەر بولۇش ماھىيەتلىك تەلەپ، مىللىي تېررېتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئاساسىي سىياسەت، ھەر مىللەت ئاممىسى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش - تەرەققىي قىلىش كۈرەش نىشانى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت ئىدىيە ئاساسىنى ئىگىلەش كېرەك، يەنى ئۇلۇغ ۋەتەت، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش كېرەك؛ ئۇسۇل ۋە يولنى ئىگىللەش كېرەك، يەنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى ئىگىلەش كېرەك، يەنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنداق تەكىتلىدى: دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئورگاندىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش ۋە ۋەكىللەر خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ ۋە كۈچەيتىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، ئىنئام نەسىردىن يىغىنغا قاتناشى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر