باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن يەنە ئىككىسى كۆپەيدى

2016.06.12 14:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن يەنە ئىككىسى كۆپەيگەن. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ئېلان قىلغان 18 ئورۇندا يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى تىزىملىكى ئىچىدە، شىنجاڭ ئىلىدىكى كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن دەرىخى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بىلەن قورغاستىكى تۆت پەنچىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا دۆلەت دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونى دەپ نام بېرىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى 13كە يەتكەن.

  كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن دەرىخى يەر شارىدا كېيىنكى مۇز دەۋرىدىن قالغان ئاز ساندىكى كەڭ يوپۇرماقلىق قەدىمىي دەرەخلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ «تاشقا ئايلانغان كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخ» دېگەن نامى بار. بۇ خىل دەرەخنىڭ يوپۇرمىقى يۈزىگە بىر قەۋەت موم سۈرتۈلگەندەك پارقىراپ تۇرىدۇ، دەرەخ گەۋدىسى ئېگىز، شاخ-يوپۇرماقلىرى ئىنتايىن چىرايلىق. ئىلى كىچىك يوپۇرماقلىق ئەرمۇدۇن دەرىخى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، بۇ رايوندا جانلىقلارنىڭ تۈرى ئىنتايىن مول.

  قورغاستىكى تۆت پەنچىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى ۋە ئۇنىڭ ياشاش ئورنى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدىكى ئاساسلىق مۇھاپىزەت ئوبيېكتى. تۆت پەنچىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئالاھىدە تۈر، ئېلىمىزدە يالغۇز قورغاس ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 150 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى چۆل-ئېدىرلىق ئىچىگە تارقالغان، ئۇ دۇنيادىكى ئۈچ خىل قۇرۇقلۇق تاشپاقىسىنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ياۋايى ھايۋانات بايلىقىنىڭ بىرى بولغاچقا، ئىنتايىن يۇقىرى قوغداش، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.

  ئۇقۇشىمچە، «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھەر خىل تىپتىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن ئالتىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئورمان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى 48گە، كۆلىمىنى 188 مىليون موغا يەتكۈزىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدىكەن؛ تىرىشىپ ئىشلەپ بەش تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ دەرىجىسىنى دۆلەت دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىغا كۆتۈرىدىكەن. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر