باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قوش تىل مائارىپىنى تەشەببۇس قىلدى

2016.06.08 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن پۇرقەت مۇتەللىپ ئەلا ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە بىرقەدەر يۇقۇرى خەنزۇچە سەۋىيەسى بىلەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىچىدىدىن ئۈزۈپ چىقىپ، 1500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىرىنچى يىللىقىنىڭ ئارزۇ سىنىپىغا ئۆتتى.

  ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: خەنزۇچەم ياخشى بولغانلىقتىن خوتەندىن بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇيالىدىم، بۇنىڭدىن كېيىن مىدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇپ، يۇرتۇمدىكىلەرنىڭ كېسىلىنى داۋالايمەن.

  كورلا ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى توقۇمچىلىق كىيىم كېچەك شەھەرچىسىگە ئىشقا ئورۇنلاشقان قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدىن كەلگەن ياش ھەسەنجان توختىمۇ خەنزۇ تىلى بىلەن راۋان سۆزلىيەلەيدىغانلىقى سەۋەبلىك بۇ كارخانىغا قوبۇل قىلىندى، ئۇ بۇ يىل 20 ياشقا كىردى، ھەر ئايدا 3300 يۈەن ئەتراپىدا مۇئاش ئالالايدۇ، ھەر ئايدا يەنە ئاتا ئانىسىغا 1500 يۈەن خىراجەت ئەۋەتىپ بېرەلەيدۇ.

  ئۈرۈمچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىرىنچى يىللىق ئارزۇ سىنىپىدا مۇخبىر پۇرقەت مۇتەللىپ بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچى لى شاۋجۈننىڭ پارتىداش ئىكەنلىكىنى، بۇ سىنىپتا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارتىداش ئىكەنلىكىنى كۆردى، مۇشۇنداق بولغاندا كۈندۈلۈك ئالاقىدە ئۇلار ئۆزئارا بىرى بىرىدىن تىل ئۆگىنەلەيتتى.

  مۇخبىر شىنجاڭدىكى مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنگەندىن باشقا يەنە ئىنگىلىز تىلىنىمۇ ئۆگىنىدىغانلىقىغا دېققەت قىلدى، بۇنداق قىلغاندا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈش بوشلۇقى تېخىمۇ كەڭ بولاتتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كەلگۈسى بەش يىلدا داۋاملىق مەخسۇس مەبلەغ سالىدۇ ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە يېزا رايونلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا يەسلى قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققى قىلىشىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىدۇ، شىنجاڭ يەنە 13-بەش يىلدا جەنۇبىي شىنجاڭدا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسلىسىنى ئاساسەن ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، 13-بەش يىل جەريانىدا ھەر يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئۈچۈن شىنجاڭ تەۋەسىدىن 2200 پىداگۇگىكا ئوقۇغۇچىسىنى تەربىيەلەپ بېرىشنى پىلانلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر