باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «12369» مۇھىت ئاسراشقا دائىر پاش قىلىش-قوبۇل قىلىش مەركىزى ئېچىۋېتىلدى

2016.06.08 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «12369» مۇھىت ئاسراشقا دائىر پاش قىلىش-قوبۇل قىلىش مەركىزى ئاممىغا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مەركەز پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە بىر تۇتاش قوبۇل قىلىش مەركىزى سۈپىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت ، ئوبلاست ، شەھەر ۋە بارلىق ناھىيەلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەرزى ۋە پاش قىلىش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىدۇ. نۆۋەتتە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدا پاش قىلىش، مۇھىت بۇلغىنىش ئەرزى قوبۇل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «12369» مۇھىت ئاسراشقا دائىر پاش قىلىش قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونى ئېچىلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جەھەتتىكى ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ھەممە ئىقتدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمىغان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاممىنىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر پاش قىلىش تەلىپى كۈندىن - كۈنگە كۆپەيدى، «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى قوبۇل قىلغان مۇھىت بۇلغىنىش ئەرزى دېلولىرى41 مىڭ 473 قېتىمغا يەتكەن. ھەر دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، «12-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئامما ئەرز قىلغان دېلولارنىڭ بېجىرىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى % 94.8 كە، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى % 97.6 كە يەتتى. 2016 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «12369» مۇھىت ئاسراشقا دائىر پاش قىلىش قىزىق لىنىيەسى قوبۇل قىلغان مۇھىت بۇلغىنىش ئەرزى دېلولىرى937 قېتىمغا يەتتى، تورداشلار ئەرز قىلغان دېلولارنىڭ بېجىرىلگىنى 881 قېتىم، بېجىرىلىش نىسبىتى ٪ 94 كە يەتتى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى % 98.5 يەتتى.

  ئامما ئەرز قىلغان مۇھىت بۇلغاش ۋەقەلىرى، مۇھىت ئاسراش ئەرزىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارا، ئادىل قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئاپتوماتىك قوبۇل قىلىش، ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش، ئاپتوماتىك يوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ پاش قىلىش، ئەرز قىلىش، مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى ئاپتوماتلاشتۇرۇلدى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەسلىدىكى «91236» سۇپىسىنى ئۆزگەرتتى. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، «12369» تەسىس قىلغان تېلېفون قوبۇل قىلىش مۇلازىمىتى توچكىسى 11 گە يەتتى، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئۈچ خىل تىلدا پاش قىلىش، مۇھىت بۇلغىنىش ئەرزى قوبۇل قىلىش، 24 سائەت تېلېفۇن ئۇلىنىدىغان ھالەتتە تۇرۇشنى، مۇھىت بۇلغىنىش ئەرزى قوبۇل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئۈچ خىل تىلدا ئەرز قوبۇل قىلىش كەسپى بار يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە «12369» مۇھىت ئاسراشقا دائىر پاش قىلىش-قوبۇل قىلىش مەركىزى بولۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، تېلېفوندا پاش قىلىشتىن باشقا، ئامما يەنە «12369» مۇھىت ئاسراشقا دائىر پاش قىلىش-قوبۇل قىلىش ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق، ئەتراپىدىكى مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر