باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز 2500 پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدۇ

2016.06.08 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2500 پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدۇ، بۇ يىل 500 پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىدىغان بولۇپ، تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتى 6-ئىيۇن رەسمى باشلاندى.

  2010 ـ يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار 111 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىدىكى نىسبىتى % 30 كۆپەيدى. لېكىن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ نىسبىتى تۆۋەن، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، قۇرۇلۇش ئومۇمىي سەۋىيەسى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى سېلىشتۇرغاندا، يەنە نۇرغۇن مۇۋاپىق بولمىغان جايلار بار. ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار، بولۇپمۇ يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرىدە تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماسلىق ئەھۋالى يەنىلا ئىنتايىن گەۋدىلىك.

  «شىنجاڭنىڭ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش پىلانى ( 2016- يىلدىن 2020-يىلى)»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «13ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، تېخنىكا ماھارەت تىپى، بىلىم - ماھارەت تىپى ۋە مۇرەككەپ تېخنىكىلىق ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلىپ يېڭى بىلىملەر، يىڭى تىخنىكىلارنى ئۆگىنىش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى بويىچە، ھەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش 1 - سېپىدىكى بىر تۈركۈم تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. بەش يىلدا 2500 پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 45 ياشتىن تۆۋەن يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار 500 بولۇپ، ئاساسلىقى ئالىي ئىنژېنېر، تېخـنىك، ئالىي مېخانىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەربىيەلەش ۋاقتى ئادەتتە ئالتە ئاي بولىدۇ؛40 ياشتىن تۆۋەن تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى 2000 بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنژېنېر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئىنژېنېرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەربىيەلەش ۋاقتى ئادەتتە ئۈچ ئاي بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر