باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا گۈزەل مۇھىت يارىتايلى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2016 - يىللىق «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى»دىن خاتىرىلەر (1)

2016.06.08 13:47   مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2016 - يىللىق «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى»دىن خاتىرىلەر (1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى)

  29 – ماي، بىزنى ئەمدىلا قۇم - بوران ھاۋارايى ئاياغلاشقان كۇچا ناھىيەسى ئىللىق تەبەسسۈم بىلەن قىزغىن قارشى ئالدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىنئام نەسىردىن باشچىلىقىدىكى 2016 - يىللىق «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى» تەركىبىدىكى ھەممىمىز ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى نېفت خىمىيە سانائىتى بازىسى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىقتىسادىي كۈچى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان كۇچا ناھىيەسىدە بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستۇق.

  30 - ماي ئەتىگەندە پائالىيەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر باي ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. تۇنجى نىشانىمىز باي ناھىيەلىك پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى بولدى. باي ناھىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇشى، ئادەم سانىنىڭ كۆپىيىشى، سانائەت چىقىرىندى سۈيى ۋە تۇرمۇش چىقىرىندى سۈيىنىڭ كۆپىيىشىگە قارىتا ناھىيە پاسكىنا سۇنى بىرتەرەپ قىلىشقا نۇقتىلىق ئەھمىيەت بەرگەن.

  ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 2013 - يىلى نويابىردىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىشكە باشلانغان، 2014 - يىلى مارتتا ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغان، 38 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، كۆلىمى 16 مىڭ 667 كىۋادرات مېتر كېلىدىغان بۇ زاۋۇتنىڭ ئورنى ناھىيەدىن ئۈچ كىلومېتىر نېرىدا بولۇپ، سۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا نۆۋەتتىكى دۇنياۋى ئىلغار تېخنىكا بولغان BAF تېخنىكىسى قوللىنىلغان. بۇلتۇر ئىيۇندا، ئۈچ دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن كېيىن، بۇ زاۋۇتتىن چىققان سۇنىڭ ئۆلچىمى 1 - دەرىجىلىك B ئۆلچەمگە يەتكەن. سۇنى بىرتەرەپ قىلىشقا كېتىدىغان ئوكسېگىن مىقدارى يەنى COD مىقدارى يىلىغا 500 تونىدىن ئازلاپ، بۇلغىما مىقدارى زور دەرىجىدە ئازايغان، پاسكىنا سۇنى بىرتەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشىدىن چىقىرىلغان سۇ شەھەر مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سۇغۇرۇشىغا ئىشلىتىلىپ، باي ناھىيەسىنىڭ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئويناشقا باشلىغان.

  ئارقىدىن بىز باي ناھىيەلىك «فېڭفېڭ» كوكىس خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان «1-ئاۋغۇست» پولات – تۆمۈر پاي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى زاۋۇت رايونىغا، ئارقىدىن جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى تارىم دەرياسى نېفت ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىمالىي ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ چىقىرىندى بويۇملارنى بىرتەرەپ قىلىش ئورنىغا باردۇق.

  جۇڭگو نېفىتى شىمالىي ئىشلەپچىقىرىش رايونىنىڭ چىقىرىندى بويۇملارنى بىرتەرەپ قىلىش ئورنىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، «تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى» 4 - گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئىنئام نەسىردىن جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى تارىم دەرياسى نېفت ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مۇھەممەت ئوسماننىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تەپسىلىي ئاڭلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى تارىم دەرياسى نېفت ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىمالىي ئىشلەپچىقىرىش رايونى 2012 - يىلى ئىيۇندا قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن بىر يىلدا 4 مىليون توننىدىن ئارتۇق خام نېفت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئاۋىياتسىيە كىرسىنى جەنۇبىي شىنجاڭ بازىرىنى تولۇق ئىگىلىگەن، تىجارەت كىرىمى 13 مىليارد يۈەندىن، يەرلىككە تاپشۇرغان بېجى 5 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، جۇڭگو نېفت خىمىيە گۇرۇھىغا قاراشلىق 34 نېفت ئايرىش كارخانىسى ئىچىدە نېفت پايدىسىدا 1- ئورۇندا تۇرغان. شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن كارخانىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتى، سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى باشتىن - ئاخىر ئورگانىك بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، پۈتكۈل خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىت باھالىشىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزگەن، تۈرلەر ئاياغلاشقاندا يەرلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالغان، تۈرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئىجرا بولۇشى «مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قانۇنى» ۋە «مۇھىتنى قوغداپ قۇرۇلۇش قىلىشنى باشقۇرۇش بەلگۈلىمىسى»گە ئۇيغۇن بولغان. كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز ۋە داشقالنى بىر تەرەپ قىلىشتا كېرەكسىز سۇنىڭ لاياقەتلىك چىقىرىلىش نىسبىتى %100 گە يەتكەن، شىركەتنىڭ كېرەكسىز سۇنى ئىنچىكىلەپ بىرتەرەپ قىلىش ۋە قايتا ئىشلىتىش قۇرۇلمىسى بار بولۇپ، ھەريىلى قايتا ئىشلىتىش مىقدارى 700 توننىغا يېتىپ، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرغان. زاۋۇت ئىچىدە يەنە ئىككى دانە 20 مىڭ كۇپ مېترلىق قۇرغاق گاز ئىشكاپى قۇرۇلغان، قائىدىسىز چىقىرىلغان گاز جىسىم (مەشئەل گازى) نى يىغىۋېلىپ ئىشلىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، ھەريىلى يىغىۋالغان مەشئەل گازى 1800 توننا، قۇرۇق گازدىن 11 توننا يىغىۋېلىنغان، بۇنىڭ بىلەن ھەريىلى ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىغان گۇڭگۇرۇت Ⅳ ئوكسىدى مىقدارى 2986 توننا ئازايتىلغان.

  نېفىتلىك مەشغۇلات رايونىدىن چىقىرىلغان سۇنى بىرتەرەپ قىلىش ئورنى كۆلچىكىدە بېلىق ئۈزۈپ يۈرگىنىنى، سۇ قىرغىقىدا چۆپ ئۆسكەنلىكىنى، نېرىدىكى ئەخلەت كۆمۈش ئورنىدا چىقىرىندى ئەخلەتلەرنىڭ ۋاقتىدا تەكشى كۆمۈلگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئىنئام نەسىردىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:

  ___ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتا مۇھىتنى ئاسراش، مۇھىت بۇلغاشنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش بەك مۇھىم، كارخانىلار چوقۇم مۇھىت ئاسراش قانۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشى، مۇھىت ئاسراشنى ئۆزىنىڭ كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشى كېرەك.

  شۇ كۈنى چۈشتە ئۆتكۈزۈلگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىلەن باي ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئېزىز مەمەتنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىچە، باي ناھىيەسىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان بولۇپ، ھاۋا سۈپىتى 2 - دەرىجىدىن يۇقىرى بولغان كۈن سانى %60 دىن ئاشقان. ئۆلچەش دائىرىسىدىكى ئۈچ دەريا ۋە بىر نۇقتىلىق سۇ ئامبىرىنىڭ يەر ئۈستى سۈيى «يەر ئۈستى سۈيىنىڭ مۇھىت سۈپەت ئۆلچىمى» دىكى 3 - تۈر ئۆلچىمىگە يەتكەن. ئىچىملىك سۇنىڭ ئۆلچىمى «يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى» دىكى 3 - تۈر ئۆلچىمىگە يەتكەن. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، باي ناھىيەسى تەۋەسىدە زور مۇھىت بۇلغىنىش ۋەقەسى ياكى رادىئاتسىيە بىخەتەرلىك ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن. «12- بەش يىل»دا باي ناھىيەسىدە 37 تۈردە بۇلغىما ئازايتىش تۈرى تاماملىنىپ، COD دىن 1576 توننا، ئاممىياكلىك ئازوتتىن 104 توننا، گۇڭگۇرت Ⅳ ئوكسېدىدىن 5744 توننا، ئامىنو ئوكسېد بىرىكمىلىرىدىن 1046 توننا ئاز قويۇپ بېرىلگەن، بۇ يىل 61 كارخانىدا بۇلغىمىنى ئازايتىپ تۈزەش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، COD مىقدارى 129 توننا، كاربون Ⅳ ئوكسېدى 227 توننا، ئامىنو ئوكسېدىدىن 54 توننا ئاز قويۇپ بېرىش مۆلچەرلەنگەن.

  ئېزىز مەمەتنىڭ دېيىشىچە، ناھىيە بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك ئۈلگىلىك كەنتتىن ئۈچى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىللاشقان مەكتەپتىن بىرسى، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك يېزا - بازاردىن 11 ى، ۋىلايەت دەرىجىلىك يېشىللاشقان مەھەللىدىن تۆتى بارلىققا كەلگەن. يېڭى مۇھىت قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ناھىيەدىكى كارخانا، جەمئىيەت ۋە مالىيەدىن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئاجراتقان مەبلىغى 55 مىليون يۈەندىن ئاشقان. بۇ يىل سانائەت رايونىدا پاسكىنا سۇنى بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن يېڭىدىن بىرنى قۇرۇش پىلانلانغان، 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلىدىغان بۇ زاۋۇت قۇرۇلۇشىدا ئىيۇننىڭ بېشىدا رەسمىي ئىش باشلىنىدىكەن.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىز كۈچا ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ، كۇچا ناھىيەسىدىكى يەنە بىر بېكەت كۇچا ناھىيەسى «قىزىلشىر» سېمونت چەكلىك شىركىتىگە كەلدۇق. بۇ شىركەت دۆلىتىمىزدىكى 500 كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانىنىڭ بىرى ۋە دۆلەت نۇقتىلىق مەدەت بېرىۋاتقان چوڭ تىپتىكى سېمونت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيان يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت ئاسرايدىغان ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپتۇ.

  كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابدۇقادىر مۇنىياز كۇچا ناھىيەسىنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتى ھەققىدە ماڭا مۇنداق دېدى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى بولسا دۆلەت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونى. ئومۇمىي پىلان كۆلىمى 47.97 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە 82 سانائەت كارخانىسى (مىكرو تىپتىكى كارخانىلار بۇنىڭ سىرتىدا) ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاساسلىقى نېفىت خىمىيە، ئېلېكتىر كۈچى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، كان مەھسۇلاتلىرىنى تاۋلاش، مېخانىكا ئەسۋابلىرىنى ياساش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى ئىجرا قىلىش نىسبىتى 100پىرسەنت بولۇپ، 41 يۈرۈش (مۇھىت ئاسراش) توردا ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىلىپ، تورلىشىش نىسبىتى %100 گە، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نىسبىتى %100 گە يەتكۈزۈلدى. «ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يىللىق ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» نىڭ تەلىپى بويىچە، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش، كۆمۈر باشقۇرۇش ۋە نېفىت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش، كۆمۈر قالايدىغان كىچىك پار قازانلارنى تەرتىپكە سېلىش، سانائەت ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش، شەھەرنىڭ چاڭ-توزاندىن بۇلغىنىشىنى كونترول قىلىش، موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بۇلغىمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش، قۇرۇلۇش ئېنېرگىيەسىنى تېجەش ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئۆلچەش، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى باشقۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەر چىڭ تۇتۇپ ئىشلىنىپ، بۇ يىل كۇچا ناھىيەسى بويىچە سانائەت گۈڭگۈرت Ⅳ ئوكسېدىنى تىزگىنلەش تۈرىدىن ئۈچى، سانائەت ئازوت ئوكسىدى تۈرىدىن ئىككىسى، سانائەت ئىس-تۈتەكلىرىنى تىزگىنلەش تۈرىدىن بەشى، ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ ماي-گازنى يىغىۋېلىش تۈرىدىن ئۈچى، ماي ئىسكىلاتىنىڭ ماي-گازنى يىغىۋېلىش تۈرىدىن بىرى، ماي توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ماي-گاز يىغىۋېلىش تۈرىدىن بىرى،سانائەتتىكى ھورلىنىشچان ئورگانىك ماددىلارنى تەرتىپكە سېلىش تۈرىدىن بەشى يولغا قويۇلدى. شەھەر ئەتراپىدىكى كىنىشكىسىز كان قېزىش، تاش قېزىش ۋە شېغىل قېزىش كارخانىلىرىنى تازىلاش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، شەھەر رايونى ئەتراپىدىكى شېغىل قېزىپ توپا ئېلىشتا بىر تۇتاش پىلانلاش، مەركەزلىك ئېچىش يولغا قويۇلۇپ، سۇباش قەدىمكى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي چۆللۈك رايونىغا ئورۇنلاشقان كانچىلىق كەسپىي ھوقۇقى يوق كان تاغلىرى ئاساسەن ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كەسىپلىرىدىكى بۇلغىما قويۇپ بېرىلىشى ئۆلچەم دائىرىسىدە بولغان كوچا، رايون قۇرۇلۇشى پائال قانات يايدۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق كوچا-رايونلار ۋە يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلار، چوڭ تىپتىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت تىجارەت سورۇنلىرى، شۇنىڭدەك مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئاشخانىلىرىغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك بۇس تارتىش ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلىپ، يېمەك- ئىچمكتىكى بۇستىن بۇلغىنىش كونكترول قىلىندى. شەھەر ئەتراپىنى يېشىللاشتۇرۇش ۋە قۇم-بۇراندىن مۇداپىئە كۆرۈپ ئورمان بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى جەھەتتە، كۇچا ناھىيەسىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى 10 مىليون 103 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا، يېشىللىق كۆلىمى 9 مىليون كىۋادات مېتىرغا، ئاممىۋى يېشىللىق كۆلىمى 2 مىليون 223 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا، شەھەر رايونىدىكى يېشىللىق كۆلىمى %34.03 كە، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى % 34.8 كە يەتكۈزۈلدى. بۇ يىل سانائەت باغچا رايونىنىڭ مۇھىت ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 160 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، تەرەققىيات رايونىدا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن بىرنى قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، ھازىر جىددى ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكتە.

  يۇقىرىقى بىر قاتار خىزمەتلەر پىلانلىق ئىشلىنىش بىلەن بىرۋاقىتتا، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە بۇلغىنىش تېزلىشىپ، قىسمەن جايلارنىڭ نۇقتىلىق تۈزەش قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر ئېغىر بولماقتا. دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ يوپۇقنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتمەكتە.

  سۈرەتتە: تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر باي ناھىيەسىنىڭ پاسكىنا سۇنى بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتى نەق مەيدانىدا

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايون بويىچە 166 مىڭ 100 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ك…
    ·بۇ يىل 9 مىليون 400 مىڭ كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟  
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ھەرقايسى ئۆلكە ( ئاپتونوم رايون، شەھەر )نىڭ 2016-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان…
    ·بۈگۈندىن باشلاپ، دۆلەتلىك ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلغانلارنىڭ ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىشى چە…
    ·قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى- كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگولوق ئوقۇتقۇچىلىرى جۇڭگونىڭ ئالمۇتادا تۇرۇشلۇق …
    ·مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزەيلى
    ·ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا كا…
    ·نومۇر قوشۇش تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ