باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 5 مىليارد مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى

2016.06.07 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن شىنجاڭ گۇاڭدوڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى كەسىپ ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، توقۇمىچىلىق ، كىيىم كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق ماشىنا ئېلېكتىر، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ئەمگەك زىچلىقى تىپىدىكى 530 كارخانىنى شىنجاڭغا بېرىشقا ئىلھاملاندۇردى، 90 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياردەم بەرگەن رايوندىكى 20 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى گۇاڭدۇڭدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 5 مىليارد مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇردى، 299 تۈرنى يولغا قويدى. شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى. 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى كارخانىلار شىنجاڭغا 100 مىليارت يۈەن مەبلەغ سېلىپ ، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭدا يېڭىدىن 70 مىڭدىن كۆپرەك ئىش ئورنى يارىتىپ، كەسىپ ئارقىلىق70 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشى، 50 مىڭ ئادەم قېتىم باشقا جايغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر