باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گۇچۇڭ ناھىيەسى ئومۇمىي خەلق ئاممىۋىي پاراۋانلىق كۈنى تەسىس قىلدى

2016.06.07 14:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى ھەر ئاينىڭ 26-كۈنىنى ئومۇمىي خەلق ئاممىۋىي پاراۋانلىق كۈنى قىلىپ بېكىتتى، بىر ئايدا بىر تېما بەلگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. ئەتىگەندىلا، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى مىھرى شەپقەت يەتكۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ پىدائىسى ۋۇ جېخۇي چىخۇ يېزىسى دۇڭتاڭ كەنتىگە كېلىپ لى يۆۋۇ ئئائىلىسىنىيوقلىدى، ئۇلارغا چۆجە يېمەكلىكى ھەدىيە قىلدى. ئومۇمىي خەلق ئاممىۋىي پاراۋانلىق كۈنى مىھرى شەپقەت يەتكۈزۈش سۇپۇسىنىڭ مەسئۇلى مىھرى شەپقەت يەتكۈزۈش تاكسى ئەترىتى بىلەن بىرگە ئۇن دىدار چەمبىرىكىدە ئىئانە قىلىنغان يۈز قۇرغا يېقىن كىيىمنى ۋۇماچاڭ يېزىسى خۇڭشىن كەنتىدىكى مىھرى شەپقەت يەتكۈزۈش تاللا بازىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى، يېڭى خۇرۇم ئاياغ، يېڭى سومكا قاتارلىق مىھرى شەپقەت يەتكۈزۈش بۇيۇملىرى مال جاھازىلىرىغا رەتلىك قويۇلغان ئىدى، ئېھتىياج بولسىلا، كەنت ئاھالىلىرى ھەقسىز تاللىيالايدۇ. مەملىكەت بويىچە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بولغان گۇچۇڭلۇقلار تورىنى قۇرغۇچى ۋاڭ شىنشۇ مۇنداق دېدى: توردا قۇتقۇزۇش ئېلانى بەرسىلا، ئىجابىي كۈچ تەشۋىق قىلىنىدۇ، تور سىرتىدا كارخانىچىلار ۋە سودىگەرلەر تەشكىللىنىپ، ئىجتىمائىي ئاممىۋىي پاراۋانلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ، تور ئىچى ۋە سىرتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەر ئۇلارغا ياردەم بېرىپ مىھرى شەپقەت يەتكۈزىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە سانجى ئوبلاستىدىكى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى مىڭغا يېقىنلاشتى، رويخەتكە ئالدۇرغان پىدائىي 65 مىڭدىن ئاشتى. گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شىنگۇاڭ مۇنداق دېدى: دائىملاشقان ئاممىۋىي پاراۋانلىق پائالىيىتى ھەممە ئادەم قاتنىشىش، ھەممە ئادەم نەپ ئېلىشنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر