باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن ئىنقىلابىي قۇربان مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى

قەھرىماننىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ تارقىتايلى

2016.06.06 16:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 3 - ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى بويىچە 1 - دەرىجىلىك قەھرىمان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار كومپارتىيە ئەزاسى، ئىنقىلابىي قۇربان مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ئىنقىلابىي قۇربان مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكى بۇلتۇر 12 - ئايدىن بۇيان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 30 مەيدان دوكلات بەردى، ھەر مىللەت ئاممىسىدىن 40 مىڭ كىشى دوكلاتنى ئاڭلىدى. بۇ يىل 5 - ئاينىڭ بېشىدا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتى، ج خ مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېيجىڭدا يولداش مەمەتجان توختىنىيازنىڭ ئىلغار ئىش - ئىزلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى، شۇنداقلا جېجياڭ، ئەنخۇي، گۇاڭشى، جىلىن قاتارلىق ئون ئۆلكە، شەھەر )ئاپتونوم رايون(دە دوكلات بەردى، ئۇلار بارغانلىكى يەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، شۇنداقلا مەركەز رەھبەرلىرى ۋە ئۆلكە، شەھەر )ئاپتونوم رايون( رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  جاڭ چۈنشيەن دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ شان - شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن تولىمۇ خۇش بولدى. ئۇ: مەمەتجان توختىنىياز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، ئۇ شىنجاڭ خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ قەھرىمان. ئۇنىڭ جىسمىغا پارتىيەگە بولغان سادىقلىق، باتۇر - قەيسەر، خەلقنى قىزغىن سۆيۈشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھ مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ نەمۇنىچىسى، ھەر مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. ئۇنىڭ ئىش - ئىزلىرى شىنجاڭنى زىلزىلىگە سالدى ھەم نۇرغۇن كىشىنى تەسىرلەندۈردى. دوكلات بېرىش ئۆمىكى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قەھرىماننىڭ ئىش - ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ، شىنجاڭدىكى كادىر - ساقچىلارنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپلا قالماي، يەنە مەملىكەت بويىچە «پارتىيە نىزامنامىسى - قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيە پائالىيىتىنى قەھرىماننىڭ تىپىك ھېكايىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئۇيغۇرلاردا «قەھرىماننىڭ ئارزۇسىنى خەلق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، قەھرىماننىڭ نام - ئابرۇيىغا خەلق كېپىللىك قىلىدۇ» دەيدىغان تەمسىل بار. ھازىر مەمەتجان توختىنىيازنىڭ قەھرىمانلىق ئىش - ئىزلىرى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ مەدھىيەلەنمەكتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى كەسىپ - ساھەلەر«پارتىيە نىزامنامىسى - قائىدىلىرىنى ئۆگىنىش، بىر قاتار مۇھىم سۆزنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيە پائالىيىتىنى قەھرىماننىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، قەھرىماننى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش، ۋەتەننى، شىنجاڭنى ۋە ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب پەزىلىتىدىن ئۆگىنىپ، ئاۋانگارتلاردىن بولۇشى كېرەك. قەھرىماننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىش - ئىزلىرىنى قېزىپ رەتلەپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قەھرىماننىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە روياپقا چىقىرىشى لازىم.

  دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئىنقىلابىي قۇربان مەمەتجان توختىنىيازنىڭ كىچىك قىزى قاھىرە مەمەتجان، سەپدىشى تۇرغۇن موللەك، ليۇ ماۋلىن يولداش جاڭ چۈنشيەنگە بۇ قېتىمقى مەملىكەت بۇيىچە سەييارە دوكلات بېرىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى. كۆپچىلىك قەھرىماننىڭ ئىش - ئىزلىرىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل، تېخىمۇ تىرىشىپ تەشۋىق قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ ئارقىلىق ھەر مىللەت ج خ كادىر - ساقچىلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى ئاممىنى رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، چې جۈن، جۇ خەيلۈن، شيۇڭ شۆەنگو، پېڭ جيارۈي، جۇ چاڭجيې قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر