باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

كېرەكسىز، كونا قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەدىن بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە ئۇنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.06.06 16:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 3- ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىكى كېرەكسىز، كونا قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەدىن بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە ئۇنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى چۆرىدەپ سۆھبەتلەشتى ۋە كېڭەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ساۋ شىنخۇا «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىكى كېرەكسىز، كونا قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەدىن بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە ئۇنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. جياڭ پىڭئەن، جياۋ گۇاڭخۈي، لى ئەنمىن، جاڭ شاۋيۈن، ليۇ چۈەنشىن، لى جۈنجۈن قاتارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى ۋە جاۋاب بەردى.

  كۆپچىلىك مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون كېرەكسىز، كونا قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش مەسىلىسىنى تۈزەشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى پائال قوللانغان بولسىمۇ، ئالاقىدار يانداشما سىياسەت، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەر مۇكەممەل بولماسلىق، مۇنتىزىملاشقان يىغىۋېلىش سىستېمىسى ۋە تورى ئورنىتىلماسلىق، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش دەل جايىدا بولماسلىق، مالىيە- باج قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۆلەش سالمىقى دېگەندەك كۈچلۈك بولماسلىق، تەشۋىقات- تەربىيە تازا چوڭقۇر بولماسلىق، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش خىزمەت ۋەزىپىسى ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلاندى. شۇڭا كېرەكسىز، كونا قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەنى ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ھاسىلىي بايلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا بىلەن مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، باتارېيە يىغىۋېلىش، ساقلاش، توشۇش، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىكى سىياسەت، قائىدە- نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ بويىچە كېرەكسىز، كونا قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەنى يىغىۋېلىش سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  نۇرلان ئابىلمەجىن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: كېرەكسىز، كونا قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پاكىز شىنجاڭ قۇرۇش خىزمەت نىشانىغا يېتىشتىكى مۇھىم ئامىل، كېرەكسىز، كونا قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەدىن بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە ئۇنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، پاكىز شىنجاڭ قۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك خىزمەت قىلىپ، ئەمەلىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان قاراتمىلىقى كۈچلۈك پىكىرلەرنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، پاكىز شىنجاڭ قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېرەكسىز، كونا قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەدىن بۇلغىنىشنى تۈزەش ۋە ئۇنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، ھەر تەرەپتىن باشقۇرۇش، ئورتاق تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن- نىزام چىقىرىش، قانۇن- نىزام ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەت تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ھەم مەخسۇس نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېرەكسىز، كونا قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەنىڭ خەتىرى، زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش؛ سىياسەت، تېخنىكا، كىرېدىت قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىدار كارخانىلارنى قوللاش سالم−ىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي سىياسەتتە ئېتىبار بېرىش؛ كېرەكسىز، كونا قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەنى يىغىۋالىدىغان مۇكەممەل سىستېما ئورنىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، سېتىش كارخانىسى، مەخسۇس يىغىۋېلىش كارخانىسى ۋە قايتا قوغۇشۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ بىرلىكتە يىغىۋېلىش تورى قۇرۇشىنى قوللاپ، يىغىۋېلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆلچەملىك ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېڭى تېخنىكىدىن پايدىلىنىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە كارخانىلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا ماسلىشىش، ئىجازەت ئۆتكىلىنى چىڭىتىش ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، ئايلانما تەرەققىي قىلىش يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيەنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش، تەرتىپلىك يىغىۋېلىش، مۇۋاپىق قايتا ئىشلەپچىقىرىپ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ مۇھىت ئاسراش بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىغا كېرەكسىز، كونا باتارېيەنى خالىغانچە تاشلىۋېتىش ۋە خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسىتىدىغان ئېغىر زىيىنىنى چوڭقۇر تونۇتۇپ، ئۇلارنى كېرەكسىز، كونا باتارېيەنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يىغىدىغان قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن رىزۋان ئەبەي، ليۇ جىيۇڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر