2-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئالار شەھىرىدىكى تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ھويلىسىدا تەسىرلىك بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولدى: گەنسۇدىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسى ئالار شەھەرلىك 12-تۇەن 10-ليەنگە ئىشلەمچىلىك قىلىشقا كەلگەن دۇ خۇڭجۈن ۋە ۋاڭ يۈنلەن ئەر-ئايال 6 ياشقا توشمىغان ئوغلى دۇ رۇيچياڭنى ئېلىپ ئالايىتەن مەكتەپكە كېلىپ، ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن دۇ رۇيچياڭنى ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي قۇتقۇزۇۋالغان تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق سىنىپىدىكى ئامان سېيىت قاتارلىق ئۈچ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسىغا ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق 4-سىنىپىدىكى ئامان سېيىت (قازاق) ۋە تەييارلىق 12-سىنىپتىكى ئىككى نەپەر قىز ئوقۇغۇچى تەلەيگۈل تۇرسۇن (قىرغىز)، گۈلرەيھان ئەسقەر (قازاق) دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ نەپەر ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى 28-ماي ئۆستەڭگە چۈشۈپ كەتكەن كىچىك دۇ رۇيچياڭنى قۇتقۇزۇۋالغان. ئىككىنچى كۈنى دۇ رۇيچياڭنىڭ ئائىلىسى تۇرۇشلۇق 12-تۈەن 10-ليەننىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى ليۇ چىخۇا بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن بۇ ئۈچ نەپەر ئوقۇغۇچىنى سۈرۈشتە قىلىپ تاپقان. كېيىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالايىتەن مەكتەپكە بېرىپ بۇ ئۈچ بالىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.