- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بېيجىڭدىن يەنە بىر قېتىم خوتەنگە ساياھەت پويىزى قاتنىدى
2016.06.06 15:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 6-ئايدىن 9-ئايغىچە، بېيجىڭدىن يەنە بىر قېتىم «بېيجىڭ-خوتەن ناملىق» ساياھەت مەخسۇس نۆۋەتچى پويىزى قاتنايدىغان بولۇپ، مۆلچەردە 1600 يولۇچى توشۇش پىلانلانغان. ساياھەتچىلەر يەنە خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كىتاب ئىئانە قىلىش شەكلىدە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزىدىكەن ھەم ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتى بېيجىڭ شەھىرى نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئورۇن بولۇپ، «بېيجىڭ-خوتەن ناملىق» ساياھەت مەخسۇس پويىزى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇنجى قېتىم قاتنىغان. بېيجىڭ شەھىرى ۋە تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە «شىنجاڭغا كىرگۈزۈش » تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى ئىكەن.
لىنىيە يۈرۈشتۈرگۈچى تەرەپ جۇڭگو تۆمۈر يول ساياھەت كوپىراتىپى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل «بېيجىڭ-خوتەن ناملىق» پويىز 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇنجى قېتىم قاتناپ، 9-ئايغىچە جەمئىي توققۇز قېتىم قاتنايدىكەن، 1600 يولۇچىنى توشۇش پىلانلانغان بولۇپ، مەخسۇس پويىزنىڭ قاتناش ۋاقتى 15 كۈن بولىدىكەن، خوتەن، دۇنخۇاڭ، كورلا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ساياھەت قىلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر