باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشىرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ يۆپىڭ تەكشۈرۈلدى

2016.05.27 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات- نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ( نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ يۆپىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.

  ۋاڭ يۆپىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  ۋاڭ يۆپىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1960-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، سەنشى ئۆلكىسى چىنشيەنلىك، 1977-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  1977-يىلى 7-ئايدا قەشقەر شەھىرى قوغان گۇڭشېسىدا قايتا تەربىيە ئالغان؛

  1979-يىلى 9-ئايدا قەشقەر شەھەرلىك خەلق بانكىسىنىڭ بوغالتىرلىق پاي خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان؛

  1981-يىلى 10-ئايدا قەشقەر شەھەرلىك پارتكومدا خىزمەت قىلغان؛

  1988-يىلى 3-ئايدا قەشقەر شەھىرى مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن؛

  1990-يىلى 1-ئايدا قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان؛

  1992-يىلى 1-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولغان؛

  1995-يىلى 1-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى سىياسىي باشقارمىسىنىڭ ياردەمچى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى بولغان؛

  1997-يىلى 12-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى كادىرلار مائارىپى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (2000-يىلى 3-ئايدىن 2002-يىلى 12-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپى ماركسىزم-لېنىنىزم نەزەرىيەسى سىياسىي-ئىدىيەۋى تەربىيە كەسپىي ئاسپىرانتلار سىنىپىدا ئوقۇغان)

  2001-يىلى 8-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى كادىرلار مائارىپى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛

  2002-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باشلىقى بولغان؛

  2005-يىلى 5-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى (نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2014-يىلى 7-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر