باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئىستىل قۇرۇلۇشى بويىچە «ئۈچنى مەخسۇس تۈزەش» خىزمىتى سەپەرۋەرلىك - ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە جىددىي قاراپ، «ئۈچنى مەخسۇس تۈزەش» خىزمىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.05.26 12:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 25 - ماي چۈشتىن كېيىن يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭدا « تۆت خاھىش» ۋە يوشۇرۇن ئۆزگەرگەن «تۆت خاھىش»، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگان كادىرلىرىنىڭ قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسى بويىچە «ئۈچنى مەخسۇس تۈزەش» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك قىلدى ھەم ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې جۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  چې جۈن مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى، لېكىن ناتوغرا ئىستىل كۈچلۈك جاھىل بولۇش، تەكرارلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە، ئېغىر بېسىم ئاستىدا باشقىچە تۈسكە كىرىۋېلىش، ھىيلە - نەيرەڭلىرىنى يېڭىلاشتەك يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە پەيدا بولدى،ئارقىغا چېكىنىش، قايتا باش كۆتۈرۈش، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا چوقۇم دائىم بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. «ئۈچنى مەخسۇس تۈزەش» خىزمىتى −− ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي قاتلامغا كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق چوڭقۇر، چىڭ تۇتۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  چې جۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئىدىيەۋى تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچنى مەخسۇس تۈزەش» خىزمىتىنى تۇتۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئۈچنى مەخسۇس تۈزەش» خىزمىتىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تەربىيەنى ئالدىن يولغا قويۇپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسى، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسى، ئىبرەت تەربىيەسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى؛ ئىنتىزام ئىجراسى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش - نازارەت قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىنتىزام ئىجراسى يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش، زۆرۈر تەھلىكە شەكىللەندۈرۈش؛ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ، ئىسلاھات ئۇسۇلى ۋە تەدبىرلىرى ئارقىلىق ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىرى ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ ئىبرەت قىلىپ، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، مەسىلىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش كېرەك.

  چې جۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئۈچنى مەخسۇس تۈزەش» خىزمىتىنى يىللىق مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام - مەمۇرىي تەپتىش تەشكىلاتلىرى باشلامچىلىق قىلىش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، تەشكىلات، تەشۋىقات قاتارلىق ئورۇنلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشى؛ ئامما نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى، ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەشۋىقات - تەربىيە ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئورتاق قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر