باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تيەنجىن ئايروپورتى شىمالدا تېز يەتكۈزۈش بويىچە يىغىش-تارقىتىش بازىرىنى بەرپا قىلىدۇ

2016.05.24 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تيەنجىن شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا تيەنجىن ئايروپورت ئىقتىسادىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ئىستېراتىگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمەت ئۇچۇر سۇپىسى بىلەن ئايروپورت ھاۋا قاتنىشى تېز يەتكۈزۈش كەسپى تۈردا ماددىي ئەشيا ئوبوروتى رايونى قۇرىدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ باش ئىشتابى، توپ سېتىش مەركىزىنىڭ ئايروپورت ئىقتىسادىي رايونىغا ئولتۇراقلىشىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە يول كۆرسىتىپ يېتەكلەپ، ئايروپورت ئىقتىسادىي رايونىنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى، مۇلازىمەت كەسپى، ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. تېز يوللانما كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدىغان مەخسۇس فوندىنى ئىزدىنىپ تەسىس قىلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئىجارىگە بېرىش، سودا سۇغۇرتىسى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، كېلىشىمدە رايون خاراكتېرلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىسكىلات مەركىزى، تېز يەتكۈزۈش توپ سېتىش مەركىزى، راسچوت مەركىزى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېز يوللانمىنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى ۋە قۇرۇقلۇق تىرانسپورتى توپ سېتىش مەركىزىنى قۇرۇپ «شىمالىي بازار»نى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر