- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لېشى تەنتەربىيە كۇلۇبى ئېلېكتىرون ماھارىتى ساھەسىگە كىردى
2016.05.24 16:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لېشى تەنتەربىيە كۇلۇبى يېقىندا بېيجىڭدا دۇنيا ئېلېكتىرون ماھارىتى مۇسابىقىسى(WCA)بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى، ئېلېكتىرون تەنھەرىكەت ساھەسىگە ئومۇميۈزلۈك كىرىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيا ئېلېكتىرون ماھارىتى مۇسابىقىسى دەپ ئاتايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پىلانغا ئاساسلانغاندا، لېشى تەنتەربىيە كۇلۇبى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە سودىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى لىنىيە ئارقىلىق، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدۇ ۋە تۆۋەن قاتلامدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇلازىمەتنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ. لېشى تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لېي جېنجيەن لېشى تەنتەربىيە كۇلۇبى ئېلېكتىرون ماھارىتى ئىختىساسلىقلارنى ئاساس قىلىپ، جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق ماھارەت سانائىتىنى مۇنتىزىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش ۋە دۇنياۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر