باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر 70 مىڭدىن كۆپرەك كادىر كەنتلەردە تۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى

2016.04.29 15:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2014-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتىنى يولغا قويدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىكى 200 مىڭ كادىر نۆۋەت بىلەن بىر يىل كەنتلەردە تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىدى. بۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى 8000 دىن كۆپرەك مەمۇرىي كەنت ، 700 دىن كۆپرەك دۆلەت ئىلىكىدىكى دېھقانچىلىق چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە مىڭغا يېقىن نۇقتىلىق مەھەللىنى قاپلىدى. بۇ يىل 3-تۈركۈمدىكى 70 مىڭدىن كۆپرەك كادىر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كەنتلەرنى نامراتلارنى يۆلەش ئاساسى جەڭ مەيدانى قىلىپ، ئىشنى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىدىغان تۈرلەر ۋە تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلاردىن باشلاپ، نامراتلارنى دەل يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ ھەر قايسى كەنتلەردە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاپرېلدا ئىلى دەرياسى جىلغىسى باھار تۈسىگە كىردى. دېھقان كامالىدىن ئەكرەم ياپ يېشىل كۈزگى بۇغداي مايسىسىغا قاراپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى بۇ بىنەم يەرنىڭ نىشانلىق ياردەم بەرگەن كادىرلارنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشى بىلەن 15 مو ھوسۇللۇق ئېتىزغا ئايلىنىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، يەنىلا كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار تەدبىرلىك ئىكەن. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسى كامالىدىن ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تەدبىر كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئەزاسى لى لياڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، نامراتلارنى دەل يۆلەش نىشان ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، كادىرلار نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئائىلىلەر بويىچە تەدبىر بەلگىلىدى. كامالىدىننىڭ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارى بار بولغاچقا، ئۇنىڭغا تەپەككۇر يولىنى كېڭەيتىپ، يەرلىرىنى كۈچلەندۈرۈش، تېجەشلىك ئىش قىلىشىغا ياردەم بەردۇق، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسى ھەل بولدى.

  قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇرغا ناھىيەسى شېكەر كەنتىدىكى دېھقان قادىر ئەۋەل نامراتلارنى دەل يۆلەش، تۈرلەر بويىچە يۆلەشتىن نەپ ئالغۇچىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ناۋايلىق ھۈنىرى بولسىمۇ ناۋايخانا ئېچىشىغا قولى قىسقا ئىدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ كەنت بازىرىدا مېھرى شەپقەت ناۋايخانىسى ئېچىشىغا ياردەم بەردى. ئۇ ناۋايخانا ئېچىپ تۇنجى ئايدىلا 7000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىپ، كەنتتىكى بېيىغان جەلپكار كىشىگە ئايلاندى. ھازىر ئۇنىڭ ناۋايخانىسىنىڭ داڭقى يىراق يېقىنغا كېتىپ ، سودىسى كۈنسېرى ياخشى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شاگىرت ئىشلىتىشكە باشلىدى. ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بېيىش يولىغا باشلاشنى پىلانلىدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، 2 مىليارد 260 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 9198 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرىنى تاماملىغان، 522 مىڭ نۇقتىلىق نامرات ئاھالىگە ياردەم بەرگەن، زور كۆلەملىك بۇ پائالىيەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامراتلارنى دەل يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم سەھنىسىگە ئايلانغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر