باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

2016.04.27 20:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى يىلى›› پائالىيىتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يېقىندا ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاتارلىق تەۋەلىكىدىكى بىر قىسىم كارخانا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن، شۇنىڭدەك مائارىپ ۋە سەھىيە كەسپىي ئورۇنلىرىنى تەشكىللەپ، 28 – ئاپرېل مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 4 – ماي نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا، 7 – ماي شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن. تەكلىپ قىلىش ئوبيېكىتلىرى ئاساسلىقى بېيجىڭ، نەنجىڭ، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەر ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ كەسپىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان تولۇق كۇرس، ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخى قاتلىمىدىكىلەر بولۇپ، قىزىققۇچىلار كونكرېت ئىش ئورنى ۋە ئالاقىدار تەلەپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى (www.xjrs.gov.cn//:http) دىن كۆرسە بولىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش تەشكىللىگەن مەخسۇس تەكلىپ قىلىش بولۇپ، بۇ تەكلىپ قىلىش خىزمەتچى تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇن بىلەن خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندا يۈز تۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، تەكلىپ قىلىش تەرتىپى نەق مەيداندا تىزىمغا ئالدۇرۇش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، يازما ئىمتىھان، يۈز تۇرا ئىمتىھان، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يازما ئىمتىھان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدىغان مەكتەپتە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن بىر تۇتاش تەشكىللىنىدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ، ئوخشاش شەرتتە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015 – يىلى كۈزدە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يازما ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولغان، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار، يەنى ئوقۇغان كەسپى بۇ قېتىمقى ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى، كەسپىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالغان يۈزتۇرا ئىمتىھان، تەكشۈرۈش قاتارلىق كېيىنكى ھالقىلارغا بىۋاسىتە كىرىپ، ئالاقىدار تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر