باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 7–،8–كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى كۆزەتكەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا كۆزىتىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى

2016.04.27 19:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنشۈن كۆزىتىش گۇرۇپپىسى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 7 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسى تۇرپان شەھىرى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى، توقسۇن ناھىيەسى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرىيات باش ئىدارىسى پارتكومى (پارتگۇرۇپپىسى)غا كۆزىتىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى.

  تۇرپان شەھىرىنى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەي، ئادەتتىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش قاتلىمىدا توختاپ قالغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېتەرلىك بولمىغان؛ ‹‹بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت››نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلمىغان، بىر تەرەپ قىلىش جايىدا بولمىغان. قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش قېلىپلاشتۇرۇلمىغان، كۆپ مىقدارلىق ماددىي ئەشيالار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنمىغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كارخانىلارغا قەرز بەرگەن، كېپىل بولغان؛ بايلىقنى تۈرگە ئالماشتۇرۇش، كان بايلىقلىرىنى قالايمىقان قېزىش مەسىلىلىرى ئېغىر؛ مالىيىنى نازارەت قىلىش جايىدا ئەمەلىيلەشمىگەن، ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى باشقا يەرگە ئىشلىتىۋېلىش ئەھۋاللىرى مەۋجۇت؛ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك بولۇۋاتىدۇ. بەزىدە ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىلىرى كۆرۈلدى، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇش قاتتىق بولماسلىق، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ مەبلەغ توپلاپ ئۆي سېلىش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، چوڭ – چوڭ تۈرلەردە تەدبىر بەلگىلەشتە دېموكراتىك مۇھاكىمە قىلىش يېتەرلىك ئەمەس، مەسلىھەت بېرىش دەلىللەش، پىكىر ئېلىش تولۇق ئەمەس، بەنزە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس، كادىرلار قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، بەزىلىرىدە مەسىلە بولسىمۇ ئۆستۈرۈۋەرگەن.

  تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىنى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك بولمىغان؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس، ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان، بىر تەرەپ قىلىشى ئاددىي، يۇمشاق قوللۇق قىلغان. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزگەن، بولۇپمۇ قىسمەن رەھبىرىي كادىرلار دېھقانلارغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنى ساختا مەلۇم قىلىپ، ئالداپ ئېلىۋالغان؛ بايلىق ئېچىشتا مۇۋاپىق پىلان ۋە ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش يېتەرلىك بولمىغان؛ يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە چوڭ – چوڭ تۈرلەرگە خېرىدار چاقىرماي، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەبلەغنى ئىشلىتىۋالغان؛ ھۆكۈمەتنىڭ قەرزى كۆپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە نۇرغۇن ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇش قاتتىق بولماسلىق، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا كۈتۈۋېلىش قېلىپلاشماسلىق، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا ساقلانماقتا. چوڭ – چوڭ تەدبىر، مۇھىم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىشى يېتەرلىك ئەمەس، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەل ئەمەس، تاللاپ ئۆستۈرگەن بىر قىسىم كادىرلارنى توغرا، ھەقىقىي تەكشۈرمىگەن، بەزىلىرىدە مەسىلە بولسىمۇ ئۆستۈرۈۋەرگەن.

  توقسۇن ناھىيەسىنى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىر بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولمىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر تۇتۇشى يېتەرلىك بولمىغان؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسىلىنى بايقاش ئىقتىدارى ئاجىز، نازارەت قىلىشى جايىدا بولمىغان. دۆلەت زېمىنىغا خېرىدار چاقىرىش، سېتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلمىغان؛ يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى، تۆلەم ھەققى، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى سەپلىمە ھەققىنى ۋاقتىدا يىغىۋالمىغان؛ كارخانىلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، دۆلەت مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان؛ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرى بىرقەدەر ئومۇملاشقان. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى شەخسىي ئىشلارغا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن سوۋغا تەقدىم قىلىش، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. چوڭ – چوڭ مەسىلىلەر توغرىسىدا تەدبىر بەلگىلىشى ئىلمىي ئەمەس، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئىمكانىيەتلىك دەلىللەش كەمچىل؛ كادىرلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىش ئورنىغا چىقىرىش ۋاقتىدا بولمىغان، ئىشتاتتىن ئارتۇق كادىر سەپلەش، ياش كادىرلارنىڭ كېتىپ قېلىش ئەھۋالى بىرقەدەر ئېغىر.

  تارباغاتاي ۋىلايىتىنى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەي، شەكلىگە ئېتىبار بېرىپ، مەزمۇنىغا سەل قارىغان؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ‹‹ئۈچنى ئۆزگەرتىش››نى قوللىشى يېتەرلىك ئەمەس، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئورنى ۋە باشقا بوش ئورۇنلار كۆپ؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان بەزى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز، بىر تەرەپ قىلىشتا كەڭچىلىك ۋە يۇمشاق قوللۇق قىلغان. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرگەن، قۇدۇق كولىغان، شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلگەن؛ قۇرۇلۇشلارغا خېرىدار چاقىرماي، ئالدىن قۇرۇلۇش قىلىپ كېيىن تەستىقلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ناھايىتى ئېغىر؛ مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش مەسىلىلىرى گەۋدىلىك؛ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرى يەنىلا ئومۇميۈزلۈك ساقلانماقتا. ‹‹كىچىك خەزىنە›› تەسىس قىلىش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق مەسىلىلىرى يەنىلا ساقلانماقتا. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش قاتتىق ئەمەس، بەزى مۇھىم تەدبىرلەرنى بەلگىلەشتە كەڭ پىكىر ئالمىغان؛ بەزى قۇرۇلۇشلاردا ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كەتكەن، ئورۇن تاللاش ئىلمىي بولمىغان؛ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈشنىڭ ئاشكارىلىقى يۇقىرى ئەمەس، بەزى مەسىلىسى بار كادىرلارنى ئۆستۈرۈش بىرقەدەر كۆپ.

  قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىنى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەي، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى بىلەن كەسپىي خىزمەتلەرنى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرمىغان، بىللە تەكشۈرمىگەن؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرلىك ئەمەس، مەسىلىلەرنى بايقاش، يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش، تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئاجىز. مالىيەنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلمىغان، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا بولمىغان؛ قىسمەن ئورۇنلاردا شەكلى ئۆزگەرگەن ساياھەتكە تەشكىللەش، ‹‹كىچىك خەزىنە›› تەسىس قىلىش، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق مەسىلىلىرى يەنىلا ساقلانماقتا، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – ئىشلىتىش قېلىپلاشتۇرۇلمىغان، كادىرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئالماشتۇرۇشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنمىغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەي، شەكلىگە ئېتىبار بېرىپ، مەزمۇنىغا سەل قارىغان؛ بەزى تارماقلارغا مەسئۇل رەھبەرلەر ئۆزى مەسئۇل ساھەنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتمىغان، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى قوللاش سالمىقى يېتەرلىك بولمىغان، نازارەت قىلىش تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ياخشى بولمىغان. مالىيە باشقۇرۇش قېلىپلاشمىغان، مەخسۇس تۈر راسخوتىنى ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش ھادىسىسى ساقلانماقتا؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى قاتتىق بولمىغان، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن سوۋغا بېرىش، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش قاتتىق بولماسلىق، شەخسنىڭ دېگىنى دېگەن بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت؛ بەنزە ئەزالىرىنىڭ ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشى يېتەرلىك ئەمەس، مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش روھى ۋە ئۈلگىلىك رولى كۈچلۈك ئەمەس؛ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەللىشىشى يېتەرلىك ئەمەس، ئايرىم ساندىكى كادىرلارنى تەڭشەشتە مۇناسىۋەتكە قارىغان، مەسىلىسى بار بەزى كادىرلار ئىش ئورنىدا ئىشلەۋەرگەن.

  شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتىنى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس، كەسىپكە ئېتىبار بېرىپ، پاكلىققا سەل قاراش ئەھۋالى ساقلانماقتا؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، تۈر مەبلىغى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش جەھەتتە نازارەت قىلىش جايىدا ئەمەس، ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە كۈچلۈك ئەمەس. كىتاب بېسىش، تارقىتىش ۋە تىجارەتنى باشقۇرۇشتا يوچۇق چوڭ؛ مالىيە ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىش قاتتىق ئەمەس؛ خىزمەت بىناسى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە كوللېكتىپ سېتىۋالغان ئۆيلەردە مەسىلە گەۋدىلىك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشى قاتتىق ئەمەس. ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن سوۋغا قىلىش، چەت ئەلگە چىقىپ تەربىيەلىنىشنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلى بوش بولۇش، ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا. پارتكومنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشى قاتتىق بولمىغان، بەنزە ئەزالىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى يېتەرلىك ئەمەس، دېموكراتىيىنى تولۇق جارى قىلدۇرمىغان، مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكىلەر رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرمىغان؛ پارتىيە ئىشلىرى، مەمۇرىيەتنى ئاشكارىلىماسلىق، ئاشكارا بولماسلىق، پارتكوم يىغىنى باشقا يىغىننىڭ ئورنىنى ئېلىۋېلىش ھادىسىلىرى مەۋجۇت؛ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش – ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش يېتەرسىز، كادىرلارنى نۆۋەتلىشىپ ئىش ئورنىغا چىقىرىش سۈرئىتى ئاستىراق، بەزى مەسىلىسى بار كادىرلار ئۆستۈرۈلگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 8 – كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرى خوتەن ۋىلايىتى، خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپىي تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇنخابا رايونى)، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى پارتكومى (پارتگۇرۇپپىسى)غا كۆزىتىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى.

  خوتەن ۋىلايىتىنى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېتەرلىك ئەمەس، ناھىيە، شەھەر، ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتتىق ۋە ئىنچىكە بولمىغان، پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى، شۇنداقلا نۇقتىلىق ساھەلەر، ھالقىلىق ئىش ئورنىدىكى خادىملارنى تەربىيەلەش، نازارەت قىلىش جايىدا بولمىغان؛ ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق قىسمەن تارماقلار، ناھىيە، شەھەرلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپىسى)نىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى شەكىلگە ئايلىنىپ قالغان؛ ‹‹بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېتەرلىك بولمىغان، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى بىرقەدەر كۆپ؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە كەڭچىلىك قىلغان. قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش، باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلمىغان، خېرىدار چاقىرىشتا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، خېرىدار چاقىرماسلىق، قىسمەن رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش ھادىسىلىرى ساقلانماقتا؛ ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق قىسمەن ئورۇنلار خىزمەت بىنالىرىنى بىرلەشتۈرۈپ سېلىشتا، دۆلەت مۈلكىنى قولدىن چىقىرىۋەتكەن؛ نامراتلارنى يۆلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى مۇپەتتىش قىلىش، نازارەت قىلىش ئەمەلىيلەشمىگەن، مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، خىيانەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بىرقەدەر كۆپ؛ قىسمەن ئىدارىلەرنىڭ مالىيە باشقۇرۇشى قالايمىقان بولۇپ، ‹‹كىچىك خەزىنە›› تەسىس قىلغان؛ قىسمەن رەھبىرىي كادىرلار خىزمەتتىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، تۇغقانلىرى، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ تىجارەت قىلىشى، كارخانا قۇرۇشىغا ياردەم قىلغان؛ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدا ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش مەسىلىلىرى بىرقەدەر ئومۇملاشقان. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتتىق بولمىغان، قىسمەن ئىدارىلەر ئىستىلدا بوشاڭ بولۇپ، خىزمەتنى ھەقىقىي ئىشلىمىگەن؛ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ سىياسەتلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلماي، ئۆزگەرتىۋەتكەن؛ قىسمەن ئىدارىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پاراۋانلىق تارقاتقان؛ بەزى رەھبىرىي كادىرلار يەر ئاجرىتىپ داچا سالغان، خۇسۇسىي ئۆي سالغان ياكى سىياسەت خاراكتېرلىك بىرنەچچە يۈرۈش تۇرالغۇدىن بەھرىمەن بولغان. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشى جايىدا ئەمەس، چوڭ – چوڭ ئىش تۈرلىرىدىكى ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەش يېتەرسىز؛ ئىشتاتتىن ئارتۇق كادىر سەپلەش مەسىلىسى مەۋجۇت، كادىرلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىش ئورنىغا چىقىرىش سالمىقى يېتەرلىك ئەمەس.

  خوتەن شەھىرىنى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن، مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغىنى ئاز، كادىرلارنى ئۆستۈرۈشكە ئېتىبار بېرىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا سەل قارىغان، ھوقۇقنى يۈرۈشۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش كۈچلۈك بولمىغان؛ قىسمەن ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى بوشاڭ، چېچىلاڭغۇ، بەزى كادىرلارنىڭ چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلەردە كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، تەشەببۇسكار بولۇشى يېتەرسىز. قۇرۇلۇش، ئۆي – زېمىن، يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ساھەلەردە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى بىرقەدەر كۆپ، قىسمەن كادىرلارنىڭ قانۇن ئېڭى تۆۋەن، قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزگەن؛ كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدا مەسىلىلەر بىرقەدەر كۆپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلمىغان، كاپالەتلىك تۇرالغۇ سىياسىتىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، تۇرالغۇ تەقسىملەشنى باشقۇرۇش قالايمىقان؛ يەر ئېچىشتا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەسىلىلىرى بىرقەدەر گەۋدىلىك، ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى، ھۆددە ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك؛ قاش تېشىنى قېزىش قالايمىقان، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، زەربە كۈچلۈك بولمىغاچقا، مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان؛ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەمچىل بولۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ بەھرىمەن بولىدىغان ھادىسە گەۋدىلىك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ياخشى ئەمەس، قىسمەن ئىدارىلەر كارخانا نامىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ئاپتوموبىل سېتىۋالغان، قىسمەن رەھبىرىي كادىرلار شەخسىي داچا سالغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ سىياسەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇدىن بەھرىمەن بولغان، ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ساياھەتكە چىققان. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى جايىدا ئەمەلىلەشتۈرمىگەن، بەنزە ئەزالىرى ئارىسىدا ئالاقە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس؛ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش قېلىپلاشتۇرۇلمىغان، ھوقۇق ئۈچۈن قاترايدىغان، ھوقۇق تەلەپ قىلىدىغان، ھوقۇق سودىسى قىلىدىغان ۋە مەسىلىسى بارلارنى ئۆستۈرىدىغان، مەسىلىسى بار تۇرۇپمۇ ئىش ئورنىدا ئىشلەۋېرىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.

  خوتەن ناھىيەسىنى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس؛ قىسمەن كادىرلار ئىنتىزامغا، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان. قىسمەن ئىدارىلەر ‹‹كىچىك خەزىنە›› تەسىس قىلغان، مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغان؛ قىسمەن ئىدارىلەر ئۆي – زېمىن سودىگەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلەت مۈلكىنى قولدىن بەرگەن؛ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش قاتتىق ئەمەس، قىسمەن قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلمىغان، قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە سېتىۋېلىش مەزمۇنىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكەن؛ قىسمەن كادىرلار خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، يەر ھۆددىگە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تولۇقلىمىسى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا خەلق بىلەن مەنپەئەت تالىشىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان مەسىلىلەر بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتتىق ئەمەس، بەزى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىز، قابىلىيەتسىز، ھۇرۇن، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلمىغان؛ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى شەخسىي ئىشلارغا ئىشلىتىش ئەھۋاللىرى يەنىلا ساقلانماقتا؛ قىسمەن رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك بىر نەچچە يۈرۈش تۇرالغۇدىن بەھرىمەن بولۇۋالغان. دېموكراتىك – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس، بەزى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ قاراپ باھالاش ئۆتكىلى چىڭ تۇتۇلمىغان، خىزمەتنى چالا ئىشلىگەن؛ كادىرلارنى نۆۋەت ئالماشتۇرۇپ ئىش ئورنىغا چىقىرىش ئالماشتۇرۇش يېتەرلىك ئەمەس، ئىشتاتتىن ئارتۇق كادىر سەپلەش، ئىشتاتتا بار، ئىشتا يوق بولۇشتەك مەسىلىلەر گەۋدىلىك، كادىرلارنى باشقۇرۇش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش جايىدا بولمىغان.

  ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپ تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى يېتەرلىك ئەمەس، مېخانىزم تولۇق يولغا قويۇلمىغان؛ يېزا – بازار (مەھەللە)، رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى باشقۇرۇش جايىدا بولمىغان، پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى، ھەم نۇقتىلىق ساھەلەر، ھالقىلىق خىزمەت ئورنىدىكى خادىملارغا تەربىيە بېرىش، نازارەت قىلىش يېتەرلىك ئەمەس، ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلغان؛ قىسمەن ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونىمىغان، ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك ئەمەس. قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشمىغان؛ مالىيەنى باشقۇرۇش قاتتىق ئەمەس؛ يەردىن پايدىلىنىپ ئېچىشتا بەزى مەسىلىلەر ساقلانغان؛ ئايرىم ساندىكى رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سىياسەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇدىن بەھرىمەن بولغان، ئايرىم ساندىكى ئىدارىلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى قاتتىق ئەمەس، قىسمەن يېزا – بازارلاردا قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش ھادىسىلىرى ئېغىر. كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاجىز، قىسمەن كەنت كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي، قوپال؛ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلمىغان، سۆرەلمىلىك ئېغىر، ئىشنى كەينىگە سۈرگەن، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىدىغان مەسىلىلەر مەۋجۇت. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى جايىدا ئىجرا قىلمىغان؛ رايونغا قاراشلىق قىسمەن ئورۇنلارغا ۋاقتىدا كادىر سەپلىمىگەن؛ قىسمەن ئاپپاراتلارنى بىرلەشتۈرۈش جايىدا ئەمەلىيلەشمىگەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇنخابا رايونى)نى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: ئاساسلىق مەسئۇلىيەت ئېڭى سۇس، ‹‹بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت›› تۈزۈمىنى جايىدا ئادا قىلمىغان، تارماقلاردىكى پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى ھەم نۇقتىلىق ساھەلەر، ھالقىلىق خىزمەت ئورنىدىكى خادىملارغا تەربىيە بېرىش، نازارەت قىلىش يېتەرلىك ئەمەس، بەنزە ئەزالىرىنىڭ ‹‹بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت›› تۈزۈمى ئەمەلىيلەشمىگەن، مەسئۇل ساھەلەرنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا بولغان تەلىپى قاتتىق ئەمەس؛ رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق بىر قىسىم تارماقلار، كوچا باشقارمىسى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيەت ئېڭى سۇس، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى شەكىلگە ئايلىنىپ قالغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، باج جەلپ قىلىش، باج قايتۇرۇش ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويغان؛ تۈرگە خېرىدار چاقىرىش، باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلمىغان، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان قىسمەن تۈرلەرگە ئاشكارا خېرىدار چاقىرمىغان؛ قۇرۇلۇش يېرىگە يەر تەستىقلاش، ئىشلىتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچلۈك ئەمەس؛ شەھەر ئاساسىي ئەسلىھە يانداشما راسخوتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئازايتقان، كەچۈرۈم قىلغان، كېچىكتۈرۈپ يىغقان، بەلگىلىمىگە خىلاپ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى چەكلىسىمۇ توختاتمىغان. بەلگىلىمىگە خىلاپ پاراۋانلىق تارقىتىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش ۋە كارخانىلارنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەتكە ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئايرىم ساندىكى تارماقلار دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن؛ كادىرلارنى سەپلەش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئىش ئورنى ئالماشتۇرۇش ئەمەلىيلەشمىگەن؛ بىر قىسىم ئاپپاراتلارنى بىرىكتۈرۈش جايىدا ئەمەلىيلەشمىگەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىنى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: ئاساسلىق مەسئۇلىيەت ئېڭى سۇس، ‹‹بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت›› تۈزۈمىنى جايدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، يېزا – بازار (مەھەللە)، رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا بولمىغان؛ بەنزە ئەزالىرىنىڭ ‹‹بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت›› تۈزۈمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن. بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باج يىغىشقا ھەمكارلىشىش، باجنى قوغداش، پىرسەنت ئايرىپ مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى چىقارغان؛ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە خېرىدار چاقىرىشنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلمىغان، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشتا ساختىلىق قىلغان؛ پۈتكەن قۇرۇلۇش تۈرلەرنى قايتا تۈر قىلىپ تەسىس قىلىپ، مالىيەدىن مەبلەغنى ئالداپ ئېلىۋالغان؛ قىسمەن تۈرلەر پۈتكەندىن كېيىن ئۇزاققىچە ئىشلەتمەي، زور مىقداردىكى مەبلەغنى ئىسراپ قىلغان؛ ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشى جايىدا بولمىغان. ئىستىلى دۇرۇس ئەمەس، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى چوڭقۇر بولمىغان، ئامما بىلەن ياخشى ئالاقىلەشمىگەن، بېكىتىپ يولغا قويغان دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەر ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرەلمىگەن؛ ئابرۇي قۇرۇلۇشىغا بېرىلىپ، تۆھپىگە، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ، نەتىجىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقارغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۈنۈم مۇكاپاتى تارقاتقان؛ ئىشتاتتىن ئارتۇق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ شەخسىي ئىشلارغا ئىشلەتكەن. ئىشلارنى كېڭىشىش پىرىنسىپىنى ئىجرا قىلىش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جايىدا بولمىغان؛ كادىرلارنى سەپلەش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئىش ئورنى ئالماشتۇرۇش ئەمەلىيلەشمىگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنى كۆزەتكەن مەزگىلدە، كادىرلار بىلەن ئامما ئىنكاس قىلغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: ‹‹بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت›› تۈزۈمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس؛ بەنزە ئەزالىرى ئۆزلىرى باشقۇرغان ساھەلەرنى باشقۇرۇشى، نازارەت قىلىشى قاتتىق ئەمەس، ‹‹بىر ئىش ئورنى، ئىككى مەسئۇلىيەت›› تۈزۈمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇھىت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشى كۈچلۈك ئەمەس؛ تۈرنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاشتا، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان؛ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتمىغان، تەستىقلاپ بېرىپ، باشقۇرمىغان؛ مۇھىت قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا ئەمەلىيلەشمىگەن، تەستىقلاتماي تۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلىدىغان، تەكشۈرمەي تۇرۇپ مەبلەغ سالىدىغان مەسىلىلەر بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك. كەسپىي ئىختىساسلىقلار زاپىسى كەمچىل، كادىرلارنىڭ ئىستىلى پۇختا ئەمەس، خىزمەت ئۈنۈمى بىر قەدەر تۆۋەن؛ نازارەتكە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرمىغان، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى چىڭ تۇتۇلمىغان؛ قىسمەن رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى خىزمەتتىكى قولايلىققا تايىنىپ، مۇھىت باھالاش بويىچە تەستىقلاشقا ياكى شىركەت قۇرۇپ مۇھىت باھالاش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىۋېلىپ ئارىدىن نەپ ئالغان؛ مۇھىت باھالاش تېخنىكىسى مۇلازىمىتى بازىرىدا ‹‹ئەمەلدارلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالىدىغان ۋاسىتىچى››لىق ئەھۋال گەۋدىلىك، نازارەتكە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلىپ مۇھىت باھالاش تۈرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىۋالغان، مەخسۇس خىراجەت خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن. بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما پۇل تارقىتىش مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك؛ مەبلەغنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى بىرقەدەر گەۋدىلىك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر