باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپكىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شاڭخەي . قەشقەر شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى قەشقەردە ئېچىلدى

2016.04.27 16:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: شاڭخەي . قەشقەر شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى 25 - ئاپرېل قەشقەردە ئېچىلدى. يىغىننىڭ مەقسىتى − شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ جىپسىلاشتۇرۇش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، شاڭخەي بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالاقە - ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشتىن ئىبارەت.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياڭ شيۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  «12 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شاڭخەي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت باش نىشاننى باشتىن - ئاخىر چۆرىدەپ، 9 مىليارد 230 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە كەسىپلەرگە سېلىنغان مەبلەغ 2 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 208 تۈر يولغا قويۇلۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىلىدىغان تۆت ناھىيەنىڭ كەسىپلەر تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 20 مىڭ كىشى بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  شۆھرەت زاكىر شاڭخەي شەھىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ بولۇپمۇ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر ئىقتىساد تۆۋەنلىگەن بېسىم ئاستىدا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى تېزدىن ئاشۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە 8 - ئورۇنغا ئۆتكۈزدى، «12 - بەش يىل»مەزگىلىدىكى بەش يىل شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز بولغان، ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن بەش يىل بولدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنىڭ شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا بۇ نەتىجىلەر شاڭخەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەملىكىتىمىزدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور مەدىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ يىل «13 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىرىك پىلانى يولغا قويۇلىدىغان تۇنجى يىل، شىنجاڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بىرلىكتە تەڭ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، «13 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتنى ياخشى باشلايدۇ.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەر، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»ئىستراتېگىيەلىك رامكا ئاستىدا، شىنجاڭ بىلەن بولغان كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشىنى؛ شاڭخەي شەھىرىنىڭ شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىنىڭ تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەشقەرنىڭ ھەتتا شىنجاڭنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەر تەرەققىياتىنى يېتەكلەپ، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ كەسىپلەر سىغدۇرۇشچانلىقىنى كۈچەيتىشىنى؛ شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاھىدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، بازارنى ئېچىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش، كارخانىلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەشكە يېتەكلەپ، قەشقەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

  ياڭ شيۇڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي شەھەرلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىملىق سەپىرىدە شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىق - ئالاقە خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەيدۇ. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئالدىن يولغا قويىدىغان نىشان قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ، سەھىيە، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيدۇ.

  يىغىندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ شاڭخەي.قەشقەر كەسىپلەر ھەمكارلىق تۈرىنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، 24 تۈرنى ئىمزالىدى، بۇنىڭغا سېلىنىدىغان مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى 824 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى 6600دىن كۆپرەك كىشىنىڭ بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر