باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆگىنىش - تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

2016.04.27 16:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 25 - ئاپرېل «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىك، ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكى، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن ئۆگىنىش - تەربىيەگە پائال ئاتلىنىپ، ياخشى ئىستىل بىلەن خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ <پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسىنى ئۆگىنىش ۋە شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنى ئۆگىنىش، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش> ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئېلان قىلىندى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش سىياسىي كېڭەش خىزمەتلىرىدە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىشىمىز ۋە تۈگىتىشىمىزگە پايدىلىق، ئۆگىنىش ئارقىلىق، لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشقا، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە پايدىلىق. ۋەزىپىنى ئادا قىلىش سەۋىيەيىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «بەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش»نى چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «ئالتە تەلەپ»تە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆگىنىش - تەربىيەدىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي سەۋىيەنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى ۋە يولغا قويۇش لايىھەسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلار بويىچە، پارتىيە ياچېيكىسىنى بىرلىك قىلىپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار مۇھىم قارار - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ روھى، سىياسىي كېڭەشكە ئائىت نەزەرىيەۋى، كەسپىي بىلىملەرنى ياخشى ئۆگىنىپ، مەركەزلىك ئۆگىنىپ، مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىپ، تەسىرات ۋە تونۇش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ، چوڭقۇر، پىششىق ئۆگىنىپ، سىڭدۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ھالقىنى ياخشى ئىگىلەپ، تىرىشىپ «تۆتكە ئەھمىيەت بېرىش، تۆتتە بولۇش»قا زېھىن ۋە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش»نىڭ ئاساسى − «ئۆگىنىش»، مۇھىم ھالقىسى − «بولۇش». سىياسىي كېڭەشتىكى ھەر بىر پارتىيەلىك كادىر «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش»نى ئاچقۇچ قىلىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئېتىقادلىق بولۇشتا، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئىنتىزامچان بولۇشتا، ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ياخشى مىجەزلىك بولۇشتا، تۆھپە قوشۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئىستېداتلىق بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئۆگىنىش - تەربىيەدە، بىز چوقۇم مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسىلىنى چۆرىدەپ ئۆگىنىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيە بىلەن سىياسىي كېڭەش خىزمەتلىرىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ بۇ يىلقى خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە كېڭىشىش پىلانىنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيە ئۈنۈمى بىلەن سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ليۇ جيەنشىن، قادىرقان مىراسقان يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر