باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك

2016.04.27 16:09         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئېچىلدى

  ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 26 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ خۇلاسە سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنى ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن بولۇپ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ دىن خىزمىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، دىن خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى ئىلمىي تەھلىل قىلغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىن نەزەرىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان، دىن خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلىگەن، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ پارتىيىمىزنىڭ دىن مەسىلىسى ۋە دىن خىزمىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، كۆپ دىن، كۆپ خىل مەدەنىيەت تارقالغان رايون، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما، دىنىي خادىملار كۆپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى كۆپ، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيەۋى تونۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. دىن خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىدا، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتىنىڭ تۈپ فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىن نەزەرىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، دىن خىزمىتىنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىكەنلىكىدە، دىننىڭ ئىجتىمائىي رولىدا، ئېلىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا، پائال، ساغلام دىنلار مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا، دىن خىزمىتىنى قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى قوللاشتا، چېگرا سىرتىدىكىلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشتا، دىن خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەشتە تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يىغىننىڭ روھىنى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ دىن خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق رايون. يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈنۈملۈك تەجرىبە ۋە ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، يىغىن روھىغا بولغان چۈشىنىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش كۈچى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەملىكەتلىك دىن خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، مەركەزنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يىغىن روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، شەۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، پېڭ جيارۇي، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى چوڭ بەنزىلىرىدىكى مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر