باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئادەم سانى تۇنجى قېتىم 100 مىڭ كىشىدىن ئاشتى

2016.04.15 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىقات، كىڭەيتىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي ئادەم سانى 1 يۈز 1066 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزىدىن ساياھەت قىلغانلار 81 مىڭ 150 ئادەم، ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن كەلگەنلەر 19 مىڭ 916 ئادەم ئىكەن؛ ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت ئۆمىكى ئادەم سانى تۇنجى قېتىم 100 مىڭ ئادەمدىن ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىقات، كىڭەيتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ لىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2016 - يىلى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە تۇنجى پەسىلدىلا جانلىنىش كۆرۈلۈشى 2015-2016-يىللىق «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» باش تېما قىلىنغان قىشلىق ساياھەت پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى. بۇ پائالىيەت يولۇچىلار سانى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇپ، قىشلىق ساياھەت كەسپى سىستېمىسىنىڭ يەنىمۇ مۇكەممەللىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ پائالىيەت داۋامىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ساياھەتچىلىكنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ۋەكىللىك قىلىپ، سەرخىل ئاساسىي تېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى، شۇنداقلا ئىچكىرى رايونلار ساياھەتچىلەر ئۆمىكى تەشكىللەپ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلغاندا، قاتناش ياردەم پۇلى ئۈنۈملۈك تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز، ھەتتا مەملىكىتىمىز بويىچە ساياھەتچىلەرنىڭ «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» قىشلىق ساياھەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش ساياھەت قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك بازىرىنىڭ تېخىمۇ جانلىنىشىدا زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر