باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئېلىشنى قولايلاشتۇرۇش» مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى

سەككىز تەدبىر قوللىنىلىپ، ئاممىغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىلىدۇ

2016.04.15 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ 13 - ئاپرېل ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، 15 - ئاپرېلدىن 31 - مايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئېلىشنى قولايلاشتۇرۇش» مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان قىسمەن ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ۋاقتىدا ئالالماسلىق مەسىلىسى ھەقىقىي ھەل قىلىنىدىكەن، بۇ خىزمەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ بۇ يىللىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى يىلى» پائالىيىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قۇرۇلۇشىدىكى «ئاجىز نۇقتا»لار تۈگىتىلىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى تارقىتىش جەريانىدا، سۇغۇرتىغا قاتناشقان قىسمەن ئاممىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ۋاقتىدا ئالالماسلىقىدا، ئاساسلىقى، شەخسلەرنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىدا مەسىلە بولغاچقا، كارتا ئىشلەشكە ئامالسىز قېلىش، ھەمكارلاشقۇچى بانكا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارغا كارتا ئىشلەش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا تاپشۇرماسلىق، ئۇچۇر ماس كەلمىگەنلىكتىن سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئىشلىنىپ بولغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى ۋاقتىدا ئالالماسلىق قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغان ئىكەن. شۇڭا ئاپتونوم رايونىمىز «ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئېلىشنى قولايلاشتۇرۇش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋاقىتلىق كارتىسىدىن 80 مىڭنى كۆپەيتىپ تارقىتىش، كارتىنى ۋاقتىدا تارقىتىش كەسپىنى پائال يولغا قويۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى مەخسۇس ئېنىقلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى باشقا جايدا ئېلىش مېخانىزمى، كارتىنى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ئېچىپ بېرىش ۋە تارقىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسىنى بېجىرىش مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ قوللىنىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلاشقۇچى بانكىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق پايدىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق سەككىز تەدبىر قوللىنىلىپ، ئاممىغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر