باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى 100 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىدە مەركەزلىك ئىش باشلاندى

ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 123 مىليارد 20 مىليون يۈەن بولۇپ، 445 نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ

2016.04.15 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016 - يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى 100 نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرىدە 13 - ئاپرېل مەركەزلىك ئىش باشلاندى، ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 100 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرى تارىخىدا مەركەزلىك ئىش باشلانغان قۇرۇلۇش تۈرى ۋە مەبلەغ سوممىسى بويىچە يېڭى رېكورت يارىتىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى - سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم قۇرۇلۇشتا ئىش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئىش باشلاش مۇراسىمى ئاساسىي يىغىن مەيدانى بىلەن توققۇز تارماق يىغىن مەيدانىدا 13 - ئاپرېل بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى. ئاساسىي يىغىن مەيدانى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت تاموژنا باشقۇرۇش مەركىزى تۈرى نەق مەيدانغا تەسىس قىلىندى.

  بۇ قېتىم تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇرۇلۇشتا ئىش باشلانغان نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى تۈرلەر، ئۇنىڭغا يىللىق سېلىنىدىغان مەبلەغ 33 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، 2016 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە سېلىنىدىغان يىللىق مەبلەغ پىلانىنىڭ %27ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ تۈرلەر شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل مۇئەسسەسىلىرى، ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم ئۇلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، يېتىشسىزلىكلەرنى تۈگىتىش، زاپاس كۈچنى كۈچەيتىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئۈنۈملۈك تۇتقا ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل بېكىتكەن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى 445 تۈر بولۇپ، سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 523 مىليارد 160 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن، بۇ يىل پىلان بويىچە 123 مىليارد 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن. مۆلچەر بويىچە 4 - ئاينىڭ ئاخىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىش باشلاش نىسبىتى %86تىن ئاشۇرۇلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى كۆپ خىل شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت تاموژنا باشقۇرۇش مەركىزى تۈرى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ مۇھىم تۈرى ۋە يېتەكچى خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ، قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 1 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. ئىشلىتىلىدىغان يەر كۆلىمى 395 مو بولۇپ، بۇ يىل 7 - ئايدا قۇرۇلۇش تاماملاش ۋە تاموژنىدا پېچىتى بىلەن توشۇش پىلانلاندى. تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن شەرق، غەرب يۆنىلىشلىك خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتىنىڭ دېڭىز-تۆمۈر يول، تاشيول- تۆمۈريول، قۇرۇقلۇق ۋە ئاۋىياتسىيە بىرلەشمە تىرانسپورتى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاموژنىدىن ئۆتىدىغان مال ۋە ئەشيالارنى «بىر قېتىملا ئىلتىماس قىلىش، بىر قېتىمدىلا ئېنىقلاش - تەكشۈرۈش، بىر قېتىمدىلا قويۇپ بېرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ «بەش چوڭ مەركەز» بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

  ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى رايون (ناھىيە)لاردا تەسىس قىلىنغان توققۇز تارماق يىغىن مەيدانىدا ئۈچتاش يولىنى غەربكە ئۇزارتىش يېڭى قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ قاراقۇرۇم بالون چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ پولات مېردىئان سىزىقلىق بالون ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرى (2 - قارار)، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) سانائەت رايونى ۋە شىمالىي رايونىنى غەربكە كېڭەيتىش يول قۇرۇلۇشى تۈرى، ئېقىندالا دەرياسى «12 تۇتاش كۆل»نىڭ ئىككى قىرغىقىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى ۋە كەلكۈن ئايرىش تۇرۇبا يول قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر