- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نىلقىدا تۇنجى قارارلىق ئېلكتىرونلۇق سودا بىلىملىرى كۇرسى ئېچىلدى
2016.04.14 16:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (نىلقا ناھىيەلىك رادىيۇ ئىستانسىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نەبىجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ) ئاممىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توردا ۋاقتىدا سېتىپ چىقىرىشىغا قولايلىق يارىتىپ ئۇلارنىڭ كېرىمىنىڭ ئىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، نىلقا ناھىيەسى يېقىندا ھەسەلچىلىك فېرمىسىدا ناھىيە بويىچە تۇنجى قارار ئېلىكتىرونلوق تور سودا بىلىملىرى كورسى ئاچتى.
15 كۈن داۋاملاشقان بۇ كورسىغا فېرمىدىكى ھەرقايسى دېھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق ئەترەتلىرنىڭ مەسئۇللىرى، ئىستودىنت كەنت ئەمەلدارلىرى، بىيىش ماھىرلىرى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىستودىتلار ۋە بىرقىسىم ئاھالىلاردىن بۇلۇپ 104كىشى قاتناشتى. كورسىدا ئىلى كەسىپىي تېخنىكا ئىنىستوتىدىن تەكلىپ قىلىنغان لىكتور كورساتلارغا ئېلىكتىرونلوق تور سودا ئاساسىي بىلىمىلىرى، ئاساسىي تىخنىكا ماھارىتى ۋە توردا مەھسۇلات سېتىپ چىقىرىش مەشغۇلاتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا نەزىرىيەنى ئەمىلىييەتكە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ، كورساتلارنىڭ ئېلىكتىرونلوق سودا بىلىمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. كورسانت مۇقىيات مەدىن مۇنداق دېدى: ناھىيە ئورونلاشتۇرغان بۇ ھەقسىز كورسىغا قاتنىشىپ، توردا سودا قىلىش مەشغۇلاتىنى بىلىۋالدىم، ئەمدى فېرمىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىپ چىقىرىپ، ئۆزەمگە چىقىش يولى تاپىمەن، شۇنداقلا دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىش قىيىن بۇلۇش مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ھەسسەمنى قوشىمەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر