باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەلبنى ئېرىتكەن مېھرىبانلىق

2016.04.14 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چاقىلىق ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئايگۈل مەمتىمىن) «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۈچرىسا ، كۆپ تەرەپ ياردەم بىرىش» جۈڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئېسىل ئەنئەنىنى راۋاجلاندۇرغاندىلا، ئاندىن دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئىناق – ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىغىلى بۇلىدۇ .

  يېقىندا چاقىلىق ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى جۈڭخۇا مىللىتىنىڭ بۇ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەلبلەرنى ئېرىتىدىغان مېھىر – شەپقەت پائالىيىتىنى ئېلىپ باردى. ئورمانچىلىق ئىدارىسى رەھبەرلىكىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىدا بۇ ئىدارىدىكى 56 ئىشچى – خىزمەتچى ھەرىكەتكە كېلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك پاراۋانلىق ئورمىنىنى قوغداش ئىشخانىسىدىكى تۇرغۇن ئابدۇۋېلىگە 5000 يوەن نەق پۇل ياردەم قىلىپ، ئۇنىڭ ئائىلسىگە ئىللىقلىق يەتكۈزدى.

  تۇرغۇن ئابدۇۋېلىنىڭ ئائىلىسىدە ئېغىر قېيىنچىلىق بۇلۇپ، ئاتا – ئانسى بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئاكسى بولسا مېيىپ، ئائىلسىدىكى توت ئادەم بىرلا تۇرغۇن ئابدۇۋېلىنىڭ مائاشىغا قاراشلىق بولغاچقا، ئائىلىسى ئېغىر قىيىنىچىلىقتا ئۆتەتتى. شۇڭا ئىدارە رەھبەرلىكى ئۇنىڭ بۇ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر