باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا بىر ئورۇنغا تىزىملاتقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغاندا 293 گە يەتكەن

2016.04.01 17:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29 -مارت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرلار ئىمتىھانىغا تىزىملىتىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، شۇ كۈنى مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئالدىنقى 20 ئىش ئورنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن 16 ئىش ئورنى ئىگىلىگەن. رىقابەت ئەڭ كەسكىن ئىش ئورنى بولسا كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى ئورنى بولۇپ، پەقەت بىرئادەم ئېلىنىدىغان ئورۇنغا 293 ئادەم تىزىملاتقان، يەنە 512 ئورۇنغا ھەق تاپشۇرۇلمىغان.

  30-مارت، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كادىرلار ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 28 - ئاپرېل كەچ سائەت 6 يېرىم بولغاندا، مەمۇرلار ۋە بۇغدا كۆلى پىلانىغا تىزىملاتقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئالدىنقى 20 ئورۇن ۋە بىرمۇ ئادەم تىزىملاتمىغان 512 ئورۇن ئېلان قىلىنغان. ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەمۇرلار خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى 325 ئادەم، ئاز بولغىنى 123 ئادەم ئىكەن.

  مۇخبىرنىڭ «ئىش ئورنى جەدۋىلى»دىن بايقىشىچە، تىزىملاتقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئالدىنقى 10 ئورۇننىڭ ھەممىسى كەسپىي ياكى نوپۇسقا چەك قويۇلمىغان ئورۇن ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىدە بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم يېڭىسار ناھىيەلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى، يېڭىسار ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى، يەكەن ناھىيەلىك دېھقانچىلىق - چارۋىچىلىق ماشىنىلىرى ئىدارىسى، يەكەن ناھىيەلىك زېمىن بايلىقى ئىدارىسى ۋە يوپۇرغا ناھىيەلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر