- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا كىچىك ئاپتوموبىللاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ
2016.04.01 17:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-مارت، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يول باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا كىچىك تىپتىكى ماشىنىلار ھەقسىز يول يۈرسە بولىدىكەن، يول يۈرۈش ۋاقتى 2 - ئاپرېل سەھەر سائەت 0 دىن 4 - ئاپرېل كېچە سائەت 12-گىچە بولىدىكەن. ھەقسىز يول يۈرۈش مەزگىلىدە، ھەق ئېلىنىدىغان ئادەتتىكى يوللاردا ئاپتوموبىل ھەق پونكىتىدىن ئۆتكەن ۋاقىت ئاساس قىلىنىدىكەن، يېپىق شەكىللىك يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا ئاپتوموبىل ھەق پونكىتىدىن ئايرىلغان ۋاقىت ئاساس قىلىنىدىكەن، ھەممىسى بېيجىڭ ۋاقتى بويىچە ھىسابلىنىدىكەن.
ھەقسىز يول يۈرىدىغان ئاپتوموبىللار ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللاردا قاتنايدىغان يەتتە كىشىلىكتىن كىچىك ئاپتوموبىللار (يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى كۆرسىتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ھەق ئېلىنىدىغان ئادەتتىكى يوللاردا قاتنايدىغان موتوسىكلىتتىنمۇ ھەق ئېلىنمايدىكەن. ھەقسىز يول يۈرۈش مەزگىلىدە، ئاپتوموبىللارغا كارتا بېرىلمەي، توساقنى كۆتۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېتىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق يول باشقۇرۇش ئىدارىسى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ھەقسىز يۈرۈش پارامېتىرىنى بىر تۇتاش تارقىتىدىغان بولۇپ، بىر توساقتا بىر ئاپتوموبىل ئۆتكۈزۈۋېتىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر