باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ھەر مىللەت ئوغۇل قىزلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى

2016.03.31 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ،جەمئىيەت مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل قىزلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

  شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەنئەنىسى ياخشى. ئۇزۇندىن بۇيان، بۇ كەڭ زېمىندا ھەر مىللەت ئاممىسى بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈردى، بىرلىكتە كۈرەش قىلدى، ئىتتىپاقلاشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 1983-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەر يىلى 5-ئاينى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەلىم تەربىيە ئېيى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەلىم تەربىيە پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى. بۇنىڭغا ھازىر 33 يىل بولدى.

  30 نەچچە يىلدىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەلىم تەربىيە ئېيى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى پائالىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىرى ئىشلىرىدا ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىرغىچە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش ئوبلاستى ۋە ۋىلايىتى، 17 شەھەر، ناھىيە، يېزا بازار،كەنت مەھەللە، مەكتەپ كارخانا مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بەرپا قىلىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى دېگەن نامغا ئېرىشىپ، زور تۈركۈم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدا ئۈلگىلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەر بارلىققا كەلدى.

  بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەرەققىياتنى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى قىلىپ، تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپكە يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈردى. %70 دىن كۆپرەك مالىيە چىقىمىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتى. شەھەر بازارلاردىكى بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەر تۈگدى. شىنجاڭدا يەسلىدىكى ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇمىيلاشتى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا 14 يىللىق ھەقسىز مائارىپ ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 280 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنىپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، شەھەر بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئوي قۇرۇلۇشى پۈتتۈرۈلدى. قىسقىغىنا بىر قانچە يىلدا يىغىلىپ قالغىنىغا كۆپ يىل بولغان خەلق تۇرمۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات پائالىيىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىر يۈرۈش كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللاندى. بۇ تەدبىرلەر ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يېمەك ئىچمەك،تۇرالغۇ ئۆي، خىزمەت، تۇرمۇش، ياشاش تەرەققىي قىلىش قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنى قاپلىدى. ئىشىنىمىزكى بىر مەزگىل ئىلگىرى سۈرۈلۈش ئارقىلىق ياخشى نەتىجىلەر قولغا كېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى داۋامىدا قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر