باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

2016.03.31 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، قەتئىي، كۈچلۈك بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسى كۆپ يىللاردىن بۇيان گەۋدىلىك ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، بۇ ئاممىنىڭ كىملىكىدىكى چېكىت مەسىلىسى، قولاي مۇلازىمەت كارتىسى ئىشلەتمەسلىك، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا يەرلىرىنى ئېنىقلاش، بالىلار بۆلۈمى دوختۇرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، قەشقەردىكى كوزىچى يار بېشى مەھەللىسىنى قوغداش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەر بىرى پۇقرالار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ھەممىسى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش ۋە تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈندۇر.

  ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ نورمال، قانۇنلۇق چېگرىدىن كىرىش، چىقىش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، ئىلتىماس قىلىش شەرتى ۋە بېجىرىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇردى ۋە ئاددىيلاشتۇردى، بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئادەتتىكى پاسپورت تارقىتىشنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولدى، ھەر مىللەت ئاممىسى رازى بولدى، بۇ يىل يەنە خەلققە قولاي ۋە پايدىلىق تەدبىرلەرنى داۋاملىق چىقىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ چېگرىدىن قانۇنلۇق كىرىپ چىقىش تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىدۇ.

  ئۆتكەن يىلى ئاپتونوم رايون مەخسۇس قەشقەردە يەرلەرنى ئېنىقلاش ۋە ئامما خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا يەرلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، يېرىم يىلدىن بۇيان، يېزا يەرلىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتى ئامما كۆڭۈل بۆلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ قالدى، خىزمەتلەردە بەلگىلىك ئىلگىرىلەش بولدى، بۇ يىل جايلار يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى.

  بۇ ئىككى يىلدا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن ئىزدىنىپ، بىر تۈركۈم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يېڭى كەنتلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى قۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىشى، ئولتۇراقلىشىشى، ئۆگىنىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، پىلانلاش، يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋىي مۇلازىمەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى، ئومۇمەن، تۈرلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبى رايونى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش شارائىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى سەۋىيەدىن ئاشۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر