باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە كەلگۈسى بەش يىلدا يەنە ئالتە رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىدۇ

2016.03.31 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «13-بەش يىللىق يىرىك پىلان» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى خىزمىتى داۋاملىق تېزلىتىلىدۇ. 1 -لىنىيەدە 2018-يىلى قاتناش باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ 2-لىنىيەنىڭ 1 ـ قارارلىق قۇرۇلۇشىدا 2019-يىلى قاتناش باشلانغاندىن سىرت، يەنە ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى قاتناش لىنىيەسى ھەم ئۈرۈمچى-سانجى يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يولى، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن يۇقارقىتاغقىچە بولغان ئوتتۇرا، تۆۋەن سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە تۆمۈر يولى قاتارلىق ئالتە رېلىسلىق قاتناش تۈرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلىنىدۇ.

  تۆنۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان 2016-يىللىق قۇرۇلۇش باشقۇرۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى يىغىنىدا، بۇ يىل ۋە «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى يەنە بىر قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما يىلېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئالتە رېلىسلىق قاتناش لىنىيەسىنى پىلانلاش، قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر باشلىنىدىكەن. 2016-يىلى مېترو بىرىنچى، ئىككىنچى لىنىيەسى قۇرۇلۇشى خىزمىتى تېزلىتىلگەندىن باشقا، يەنە مېترو ئۈچىنچى، تۆتىنچى لىنىيەسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن يۇقارقىتاغقىچە بولغان ماگنىتلىق لەيلىمە تۆمۈر يولى، ئۈرۈمچى-سانجى يېنىك رېلىسلىق تۆمۈر يولىنىڭ پىلان قۇرۇلۇشى خىزمىتىمۇ نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە:خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر