باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت گۇرۇپپىسى دېھقانلارغا بازار ئېچىپ بەردى

2016.03.21 15:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) «ئويلىماپتىمەن، مەن تېرىغان زەمبۇرۇغ ئاخىرى بازارغا يۈزلەندى، خىزمەت گۇرۇپپىسىغا رەھمەت!»، 17-مارت، ئاقسۇ شەھىرى قۇمباش يېزىسى باغۋەن كەنتىدىكى دېھقان لىيۇجۈنيى تامىقىنى يەپ بولۇپ، ئالدىراپلا ئۇ كۈن بويى ئەجىر قىلۋاتقان پارنىكىغا يۈرۈپ كەتتى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇ دېھقانغا قانداق ياردەم قىلغاندۇ؟ مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە، لىيۇجۈنيى ۋە ئۇنىڭ دادىسى باغۋەن كەنتىدە سەي-كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىندىغان دېھقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ توردىن ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر دېھقاننىڭ پارنىكتا بىرخىل زەمبۇرۈغ ئۆستۈرۈپ بېيىغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپ تەرەپتىن ئىزدىنىش ئارقىلىق، فۇجىيەن ئۆلكىسىگە مەخسۇس مۇشۇ خىلدىكى زەمبۇرۇغ ئۆستۈرۈش تېخنكىسىنى ئۆگەنگىلى بارىدۇ. لىيۇ جۈنيى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل پاراسىتى بىلەن تېزلا بۇ خىل زەمبۇرۇغ تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ كېلىپ، باغۋەن كەنتىدىكى ئىككى مو يېرىنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ بۇ خىل زەمبۇرۇغنى ئۆستۈرىدۇ. قاراشقا «چوڭ قارا كۈنلۈك»كە ئوخشايدىغان ئېگىز زەمبۇرۇغ ــــ ستروفارىيە زەمبۇرۇغنىڭ ئۆسۈپ چىقىشى ئەسلى لىيۇ جۈنيىنى خوشال قىلىدىغان ئىش ئىدى. بىراق، بۇ جايدىكى كىشلەر بۇنداق زەمبۇرۇغنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، ھېچقانداق سېتىش ئورۇنلىرى بۇ خىلدىكى ھەم قىممەت ھەم ناتونۇش زەمبۇرۇغنى كىرگۈزۈشكە پېتىنالمىغان ئىدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تاشيول ئىدارىسىدىن قۇمباش يېزىسى باغۋەن كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسى ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا لىيۇ ئائىلىسىدىكى دېھقانلارنىڭ يېڭىدىن ئۆستۈرگەن زەمبۇرۇغنى سېتىپ چىقىرالمىغانلىقتىن باش قاتۇرۋاتلىقىنى كۆرۈپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئالتەيلەن شۇ كۈنىلا ستروفارىيە زەمبۇرۇغىنى رەسىم تارتىپ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، تەرەپ تەرەپتىن خېرىدار ئىزدەيدۇ، ھەمىدە زەمبۇرۇغنىڭ تاشقى ئورالمىسى، چۈشەندۈرۈلىشى قاتارلىقلارنى ياستىپ، خېرىدارلارنى جەلىپ قىلدۇ، ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دىگەندەك، ئۇزاق ئۆتمەي تەرەپ-تەرەپتىن خېرىدارلار كېلىپ، بۇ خىلدىكى زەمبۇرۇغنى سېتىۋېلىشقا باشلايدۇ، دەسلەپكى ھېچكىم بىلمەيدىغان ستروفارىيە زەمبۇرۇغىنىڭ ھازىرقى سېتىش ئەھۋالى كۈنلۈكى 200 كىلوگىرامغا يېتىپ، لىيۇ جۈنيى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۈمۈت بېغىشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىزمەت گۇرۇپپىسى شەھەرگە كىرىپ، تەرەپ- تەرەپتىن چوڭ مېھمانساراي خوجايىنلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇخىل زەمبۇرۇغنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھىرىدىكى بەش چوڭ مېھمانساراي لىيۇ جۈنيى تېرىغان زەمبۇرۈغنى ئىشلىتىشكە ماقۇل كەلتۈرۈپ، تېخمۇ كۆپ سېتىش يول ئاچىدۇ.

  ھازىر، كۈندىن-كۈنگە بازىرى چىقۋاتقان ستروفارىيە زەمبۇرۇغىغا قاراپ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارمۇ خاتىرجەم بۇلۇپ قالدى، كەنتتىكى دېھقانلارمۇ بۇ خىل زەمبۇرۇغنى خاتىرجەم ئىستىمال قىلدىغان بولدى، لىيۇ جۈنيى بىلەن بىر گۇرۇپتىكى دېھقان ئەيساجان ئۆمەر:« دەسلەپتە، بۇنداق زەمبۇرۇغنى كۆرۈپ باقمىغاچقا لىيۇ جۈنيى ئۆيىگە ئەكىلىپ بەرسىمۇ يىمەپتىكەنمەن، لېكىن، ئۇنىڭ پارنىكىغا كىرىپ بۇ خىل زەمبۇرۇغنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كىيىن، ئايالىمغا بىر نەچچە خىل قورۇما قورۇغۇزدۇم، تەمى ناھايىتى ياخشىكەن، ئازراقمۇ غەيرى پۇراق يوق، مەنمۇ كۆپلەپ باشقا كەنتتىكى دېھقانلارغا تەۋسىيە قىلىمەن.» دەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر