باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىن باشلىنىش ھارپىسىدا شىنجاڭ ۋەكىللىرى خىزمەتكە تېزدىن كىرىشىپ كەتتى

2016.03.04 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى 5-مارت باشلىنىدۇ. يىغىنغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-مارت بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، خەيرىيەت قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش، شۇنداقلا تەكلىپ، تەۋسىيە سۇنۇشتىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى قايتا ئۆگەندى.

  يىغىنغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭلىق ۋەكىللەر ئالدىن تەييارلىق باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، يىغىننىڭ ياخشى ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىدى. ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغىچە، شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ، تەۋسىيەدىن 98پارچە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇلار ئېنېرگىيە، تاشيول، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى،سۇ ئىشلىرى، يېزا ئىگىلىك ئاساسىي ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى، مائارىپ، مىللىي داۋالاش ۋە دورىگەرلىك تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  رەيھانگۈل ئىمىرنىڭ ياتىقىغا كىرگىنىمىزدە ئۇ «پەلەك شاھى» ئادىل ھوشۇر بىلەن بىرلىكتە ئۆز تەكلىپى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئەڭ يۇقىرى مەسئۇلىيەت ئېڭى، بۇرچ تۇيغۇسىدا بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى ھەر بىر ئىنچىكە نۇقتىغىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر