باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

2016.03.04 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-مارت چۈشتىن كېيىن، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى.

  يىغىنغا شۆھرەت زاكىر قاتناشتى، نەيىم ياسىن رىياسەتچىلىك قىلدى.يىغىنىدا نەيىم ياسىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى بولۇپ سايلاندى؛ يىغىن ھەيئەت رىياسىتىدىكىلەر ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكىنىڭ لايىھەسى ۋە يىغىننىڭ قارالما لايىھەسى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ۋەكىللەر ئۆمىكى چاقىرغۇچىلىرى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: «ۋەكىللەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ،ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ئاكتىپ تەشۋىق قىلىشى ۋە نامايان قىلىشى، يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىغا باشلامچىلىق بىلەن ياخشى قاراپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە تۈرلۈك قۇرۇلۇش ئۈچۈن پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىشى، يىغىننى دېموكراتىك ، ئىتتىپاق،ئەمەلىيەتچىل، ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدىغان يىغىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.»

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر