باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۇنشيەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2016.03.03 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشيەن يېقىندا، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. جاڭ چۇنشيەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە«ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى خىزمەت نىزامى»نى يولغا قويۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنىڭ قانۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  چوڭ دائىرىنى كۆزلەپ، يۇقىرى نۇقتىدىن پىلانلاپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، كونكرېت قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئالدىدا مېڭىپ ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇشقا باشلامچى بولۇشى، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش بەرپا قىلىشقا قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  غايە ئېتىقاد بىلەن يېتەكلەش، مەسىلە بويىچە يېتەكلەش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەپ ۋە كېڭەيتىپ، خىزمەتتىكى كەم قالغان جايلارنى تولۇقلاپ، ۋاسىتە، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ زىچ ئالاقە قىلىشى، سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى خىزمىتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر